دۆلىتىمىزدە يىللىق كىرىمىز نەچچىلىك بولسا پۇلدار ھىسابلىنىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5714:ئادەم ئۆگەندى
   پۇلدارلار ۋە كەمبەغەللەر ئارىسىدا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىغا بەرگەن ئىنىقلىمىسى ئوخشاش بولمايدۇ. خۇددى ئۆز-ئارا قارمۇ-قارشى تۇرۋاتقان ئىككى نىسپى نوقتىغا ئوخشاش، بىرسى ئاسماندا بىرسى يەردە بولۇپ، ئىككىسى ئوتتۇرسىدا تۇتۇپ يەتكىلى بولمايدىغان ئارىلىق ساقلانغان بولىدۇ. گەرچە، بۇ ئىككى توپ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئورۇندا تۇرۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كەمبەغەللەر بىلەن بايلار خۇددى مۈشۈك بىلەن چاشقانغا ئوخشاش، قەيەردە كەمبەغەل بار بولسا، شۇ جايدا چوقۇم پۇلدار ئادەم بار بولىدۇ. ئۇنداقتا، پۇلدار كىشىلەرگە بىرىلگەن ئۆلچەملىك ئىنىقلىما زادى قانداق؟
   ماددى بايلىق ئۆلچەم سىزىقى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالتە مىليۇن بايلىققا ئىگە بولغان بولسا، پۇلدار كىشىلەر قاتلىمىغا تەۋە بولىدۇ؛ بىراق ماددى بايلىقنى ئاساسى ئۆلچەم قىلغاندا، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان باشقا ئامىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىدىكى شەھەرلەردە، قىممىتى ئالتە مىليۇندىن ئېشىپ كىتىدىغان ئۆيلەر نۇرغۇن؛ ئۇنداقتا، بانكا قەرزى بىجىرىپ بۇنداق ئۆيدىن بىرنى سېتىۋالسا، ئۆزىنى پۇلدار كىشىلەر سەۋيىسىدىكى بايلىقىم بار دەپ ئېيتىشقا بولامدۇ؟ ئىنىقكى، قەرزنى ھىسابلىمىساق، بۇ ئۆلچەم ئارقىلىق ئىنىقلىما بىرىش تازا توغرا بولۇپ كەتمەيدۇ.
    پۇلدارلىققا ئىنىقلىما بىرىش ئۆلچىمى ناھايىتى كۆپ؛ ھەقىقى ئەھمىيىتى بار تۈردە پۇلدارغا ئىنىقلىما بىرىشتە، ئوبىكتىنىڭ مالىيە ئەركىنلىكىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىگە قاراش كىرەك.
    ئۇنداقتا، پۇلدارلارغا ئىنىقلىما بىرىشتىكى ئۆلچەم قايسى؟
پۇلدار كىشىلەر قاتلىمى
   يىللىق كىرىم جەھەتتە، پۇلدارلار قاتلىمىدىكىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى، بىر مىليۇندىن ئۈچ مىليۇنغىچە بولىدۇ. بۇ قاتلامدىكىلەرنىڭ كەمبەغەللەر بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ ئوخشاشماسلىقى، پۇلدارلار خىزمەت قىلمىسىمۇ بولىدۇ، جىسمانى كۈچى ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى ھەر خىل چىقىملارنى قامدىشىمۇ بىھاجەت؛ ئۇلار پەقەت ئەقلى ئەمگىكىگە تايىنىپ، مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپسىلا بولىدۇ.
    مەسىلەن ئالايلۇق، يىللىق كىرىمى يۈز مىليۇندىن ئاشىدىغان بىر كارخانا بار بولۇپ، بۇ كارخانىنىڭ بەش نەپەر پايچىكى بار. بۇ بەش نەپەر پايچىك، ئادەتتە تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈپ ئۆتىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرەر كونكىرتنى خىزمەت ئىشلىشى بىھاجەت؛ ئەمما ئۇلار، شىركەتتىن ھەر يىلى نەچچە مىليۇن پايدا ئايرىيدۇ. بۇ دەل، ئاتالمىش مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسىدۇر.
ئوتتۇرا ھال قاتلامدىكىلەر
    يىللىق كىرىم جەھەتتە، ئوتتۇرا قاتلامدىكىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 150مىڭ يۈەن بىلەن 300مىڭ يۈەن ئارىسىدا بولىدۇ. پۇلدارلار قاتلىمىدىكىلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدىغىنى، بۇ خىلدىكى كىشىلەر يا ئەقلى ئەمگىكىگە تايىنىپ پۇل تاپىدۇ، يا بولمىسا تېخىنىكىلىق ماھارەتلىرىگە تايىنىپ پۇل تاپىدۇ؛ ئاساسلىقى، كەسپى بىلىمى ۋە كەسپى ئىقتىدارى ئېلىپ كەلگەن يۇقىرى مائاشقا تايىنىپ جان باقىدۇ. پۈتكۈل كىرىمى ۋە ئىستىمال سەۋيىسى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ماس قەدەملىك يۇقىرىلاپ ماڭىدىغان بولۇپ، پۇلىسى خەجلەشكە يىتىدۇ، ئەمما بەك ئېشىنىپمۇ قالمايدۇ. يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئىنتايىن "مۇقىم" كىلىدۇ.
كەمبەغەل كىشىلەر قاتلىمى
   ئىلگىرى بىرسى بىر ئادەمدىن مۇنداق سورىغان: سىز شۇنچە تۆۋەن مائاشقا ئىشلەپ تۇرۇپمۇ، يەنە نىمە ئۈچۈن ھەركۈنى بۇنداق خۇشال ئۆتىسىز؟ كەمبەغەل ئادەم: چۈنكى مىنىڭ باشقا ئامالىم يوق. شۇنداق، ئەڭ ئاساسى، ئەڭ ئاددى، ئەمما كىرىمى ئەڭ تۆۋەن خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ تالانتى يوق، مەبلىغى يوق، تەجىربىسى يوق، پەقەت ئۆزىنىڭ قان تەر بەدىلىگە تايىنىپ، ئازغىنا مائاشقا ئىشلەشتىن باشقا ئامالى يوق. مانا بۇ كەمبەغەللەر قاتلىمىنىڭ ھەقىقى تەسۋىرى.
   تۇرغان قاتلىمى گەرچە ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئادەمنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، ھېچقانداق ئادەم بىر كىچىدىلا باي بولۇپ كىتەلمەيدۇ. كەمبەغەللىكتىن پۇلدارلارغا ئايلىنىشتا، ئۆزىمىزنىڭ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرلەپ تىرىشىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
   ئۆزىڭىزنىڭ ھۇرۇنلۇقىنى تۈگىتىپ، ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇڭ ھەم ئەڭ دەسلەپكى يېغىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇڭ. كەمبەغەللىك قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇق بولغىنى سىزنىڭ پىلانىڭىز بولۇپ بولغاندىن كىيىنمۇ، ھەرىكەتكە كەلمەي تۇرۇپ قېلىش.

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئادەم ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا نەچچە كۈن ئۇخلىماي بەرداشلىق بىرەلەيدۇ

ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى باتارىيەگە توك قاچىلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىزن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号