بۇ ئادەتلەرنى يىتىلدۈرسىڭىز، سەمىرەي دەپمۇ سەمىرەلمەيسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5812:قېتىم كورۇلدى
    ھازىر بارغانسىرى كۆپ كىشىلەر سېمىزلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بەدىنىدىكى ئارتۇق گۆشلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ ۋە بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ، بارغانسىرى كۆپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ ياخشى بەدەن شەكلىگە قارىتا ئىشەنچىسىنى يوقاتماقتا. سېمىزلىك مەسىلىسىگە قارىتا، مۇۋاپىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ بەدەن ئېغىرلىقىمىزنى كونتىرول قىلىشىمىز لازىم بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ، بەزى كىشىلەر ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلى ئەسلى گۈزەل ھالىتىدا ساقلىنىپ، سەمىرىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار ئۇلاردا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا، قانداق ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرگەندە سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
ئۇيقۇسى مۇۋاپىق ھەم قانۇنىيەتلىك بولۇش
    ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاسان سەمىرىپ قالمايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ، نىسبەتەن قانۇنىيەتلىك ھەم مۇۋاپىق بولغان ئۇخلاش ئادىتى بار بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىلمى ھەم يىتەرلىك ئۇيقۇ ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىدۇ. قېنىپ ئۇخلاشنىڭ ياردىمى ئاستىدا، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئايلىنىش ۋە مىتابولىزىم ئىقتىدارى بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئادەم ئۇيقۇغا كىرگەندىن كىيىن، بەدەن مۇناسىپ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئۇرۇقلىتىش ماددىسى، دەل قاتتىق ئۇيقۇ ھالىتىدە ئاندىن ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىدۇ؛ بۇ خىل ھورمۇن بولسا يەنە دەل بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، بەدەندىكى مايلارنىڭ كۈيۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يىتەرلىك دەرىجىدە ئۇخلايدىغان ئادەمدە، ئاسانلىقچە سەمىرىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.
ھەمىشە ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت قىلىش
    رىئال تۇرمۇشىمىزدا، بىر قىسىم كىشىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسان سەمىرىپ قالمايدۇكى، ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت مىقدارى يىتەرلىك كۆپ بولىدۇ؛ ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن، ھەر كۈنى بىر سائەت ئەتراپىدا ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. بەدەن ئورگانىزىمى ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا، بەدەن بىر تەرەپتىن ئىنىرگىيىنى خوراتقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ساخارىد تۈردىكى ماددىلارغا ئىھتىياجلىق بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بەدەندىكى ماي تەركىبلەر پارچىلانغاندىن كىيىن، بەدەننىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى ئۈچۈن ئىنىرگىيە تەمىنلەپ بىرىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، بەدەندە ئاسانلىقچە ياغ تەركىبى يېغىلىپ قالمايدۇ، ئادەمدىمۇ سەمىرىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ.
 
يىمەك-ئىچمىكى تۇزسىز ۋە مايسىز كىلىدۇ
    سەمىرەي دەپمۇ سەمىرەلمەيدىغان كىشىلەر، ئاساسلىقى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يىمەك-ئىچمەكتە تۇزسىز ۋە مايسىز يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە يىمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھەم قانۇنىيەتلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىپ، چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش، يۇقىرى مايلىق ۋە يۇقىرى قەنتلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. ئۇلار ھەمىشە تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئىنىرگىيە تەركىبى نىسبەتەن تۆەن بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ، قانۇنىيەتلىك ھەم ساغلام بولغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يىتىلدۈرىدۇ؛ بۇ خىل ئادەت ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقاندىن كىيىن، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ تۇراقلىق بىر قىممەتنى ساقلايدۇ.
مەسىلىلەرگە يولۇققاندا سۇغۇققانلىق بىلەن بىتەرەپ قىلىدۇ
   ئاسان سەمىرىپ قالمايدىغان كىشىلەر، ئادەتتە كەيپىيات جەھەتتە بەك كۆپ داۋالغۇش بولۇپ كەتمەيدۇ، ھەرقانداق ئىشقا يولۇقسا سۇغۇققانلىق بىلەن بىتەرەپ قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەردە، ئاسانلىقچە ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلمەيدۇ؛ چۈنكى، ياخشى روھى ھالەتنى ساقلاشنىڭ، سالامەتلىككە قارىتا بەلگىلىك پايدىسى بار بولىدۇ. ياخشى روھى ھالەتنىڭ تەڭشىشى ئاستىدا، بەدەننىڭ ئىچكى ئاجرىلىش ئىقتىدارى نورمال ھالەتنى ساقلاپ، ھورمۇن سەۋيىسىدە ئاسانلىقچە داۋالغۇش كۆرۈلمەيدۇ؛ شۇڭا، بۇ خىل كىشىلەر ئاسانلىقچە سەمىرىپ قالمايدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号