ھازىر ھەممەيلەن ئۈندىداردا پاراڭلىشىدىغان، ئۈندىدار توپلىرى ئارقىلىق ھىسيات ئالماشتۇرىدىغان بولۇپ قالدى. ئەرلەر، ئاياللار بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ھەقىقى ئويلىغانلىرىنى بىلىۋىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك.
سىز بىر ئايال كىشىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ بىلەن ئامالنىڭ بارىچە كۆپرەك پاراڭلىشىپ ئارىلىقنى يېقىنلىتىشنى ئويلاشقان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بىتەرەپلىمە ھالدا ئۇچۇر يوللاۋەرمەسلىكىڭىز كىرەك. ئادەتتە، ئەگەر ئايال كىشى سىز پاراڭلاشقۇسى كەلمىسە، ئۇلار بۇنى بىۋاستە ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق سىزگە يۇشۇرۇن كۆرسەتمە بىرىدۇ.
ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ بۇ ئويىنى بىلەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇلارنى تېخىمۇ بىزار قىلىپ قويىسىز. چۈنكى، كۆپ قىسىم ئاياللار ئۆزىنىڭ خىياللىرىنى بىۋاستە ئىپادىلەپ چىقارماي، ئەكسىچە ئەر تەرەپنىڭ پەرەز قىلىپ تېپىشىغا قويۇشقا ئادەتلەنگەن كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، ئەگەر ئايال كىشى ئۈندىداردا سىزگە بۇ خىلدا جاۋاپ قايتۇرسا، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ پاراڭنى توختىشىنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

يەنە باشقا ئىش بارمۇ، مەن ھازىر تاماق يىگىلى چىقماقچى ئىدىم
ئاياللار ھەمىشە ئازراق چىكىنىش يولى قويۇپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، سىزنى بىۋاستە رەت قىلمايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئايال كىشى سىزگە ئۆزىنىڭ تاماق يىگىلى چىقماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتسا، بۇنىڭ مەنىسى، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ سىز بىلەن داۋاملىق پاراڭلاشقۇسى كەلمىگەنلىكىنى، پاراڭنى توختىتىشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋاقتى قىممەتلىك بولىدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ۋاقتىنى ئۆزى بەك ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدىغان ئادەم بىلەن پاراڭلىشىشقا ئەمەس، بەلكى، پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۈستىدە سەرپ قىلىشنى خالايدۇ.

ئۇنداقتا سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋىرىڭ، مەن سىزگە دەخلى قىلماي
ئادەم، ئازدۇر كۆپتۇر ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى بىلىدىغان بولۇش كىرەك؛ باشقىلار سىزگە چۈشىدىغان پەشتاق ھازىرلاپ بەرگەن ئىكەن، سىز دەرھال چۈشىۋىلىشىڭىز كىرەك. ئايال كىشى ئەگەر سىزگە ئىشىڭىزنى قىلىۋىرىشنى، سىزگە دەخلى قىلغۇسى يوقلۇقىنى ئېيتسا، بۇ ئۇنىڭ سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئەمەس، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى ئويلاشقىنى تېخىمۇ ئەمەس.
ئەمىلىيەتتە ئاياللارنىڭ بۇنداق دىيىشى، پەقەت پاراڭنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈنلا. ئۈندىدار، بىر خىل مەۋھۇم سورۇن؛ ئۆز-ئارا تۇنۇشمايدىغان ئىككى ئادەممۇ ناھايىتى قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتەلەيدۇ؛ بىراق، كۆپ قىسىم ئاياللار، ئۆزىنىڭ بەختىنى ياخشى چۈشىنىشمەيدىغان، ھەتتا ياخشى تۇنۇشمايدىغان ئادەم ئۈستىگە باغلاپ قويۇشنى خالىمايدۇ.

بەك كەچ بولۇپ كەتتى، ئۇيقۇم كىلىۋاتىدۇ
كىچىسى ئۇخلىماسلىق ياكى ۋاقتىدا ئۇخلىماسلىق، ئادەمنىڭ تىرىسىگە ئىنتايىن زىيانلىق. ئايال كىشى ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە بەك ئىتىبار بىرىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار ئوغۇل دوستىدىن باشقا ھەرقانداق ئادەم بىلەن كىچىسى ئۇيقۇنى تاشلاپ پاراڭلاشمايدۇ.
ئۈندىداردا پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئەگەر ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ئۇيقۇسى كەلگەنلىكىنى ئېيتسا، بۇ ئۇنىڭ سىز بىلەن داۋاملىق پاراڭلاشقۇسى كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەم ئۆزىنى بىلگەن ياخشى، شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا، سىز ئۇنىڭغا "خەيرىلىكەچ" دىگەن ئۇچۇرنى ئەۋەرتىپ پاراڭنى ئاخىرلاشتۇرسىڭىز، ئەكسىچە ئوتتۇراڭلاردىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا پايدىلىقراق بولىدۇ.
بىۋاستە رەت قىلماي، مەقسىتىنى چىرايلىقچە ئەگىتىپ ئېيتىش، ئاياللار ئادەتلەنگەن ئۇسۇل؛ مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولمىسۇن، ئاياللار ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنا ئۈستىدە كۆپرەك ئويلاپ بېقىڭ. بۇنىڭدا، ئاياللارنى بىزار قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنالايسىز.