سىزنى ئاسانلا سەمىرتىپ قويىدىغان تۆت خىل قورۇما
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5854:قېتىم كورۇلدى
    نۇرغۇن كىشىلەر، ئىزچىل تۈردە گۆش يىسە ئاندىن سەمىرىپ كىتىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق ئەمىلىيەتتە، بەزى كۆكتاتلارمۇ ئادەمنى سەمىرتىپ قويىدۇ. تۆۋەندە بىز، ئادەمنى ئاسانلا سەمىرتىپ قويىدىغان تۆت خىل قورىمىنى كۆرۈپ باقايلى.
 دۇفۇ قېقى(腐竹)
   دۇفۇ قېقى، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرگە تەۋە بولۇپ ئۆزى يۇمشاق، سۇسقىنا دۇفۇ تەمى بار. مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى قورۇما قورۇش بولسۇن، نۇرغۇن كىشىلەر دۇفۇ قېقى ئىستىمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، دۇفۇ قېقىنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا مىفەننىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇرۇقلىماقچى بولغانلار، ئەڭ ياخشىسى ئېغىزىنى يېغىۋىلىپ، دۇفۇ قېقىنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
قۇرۇق قورۇلغان بەسەي(干锅白菜)
   بەسەي، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەم ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتاتنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ تەمىمى ياخشى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بەسەي يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەسەينىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى گەرچە تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى قۇرۇق قورۇپ، قۇرۇق قازان بەسىيىگە ئايلانغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى يۇقىرىلا كىتىدۇ؛چۈنكى، بەسەينىڭ ياپراقچىلىرىغا، بەزىبىر مايلىق تەركىبلەر يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل بەسەينى كۆپ ئىستىمال قىلساقمۇ، ئوخشاشلا ئاسان سەمىرىپ قالىمىز.
قۇرۇتۇپ قورۇلغان يېسى پۇرچاق(干煸豆角)
   مەيلى ئۆيىمىزدە بولسۇن ياكى ئاشخانىلارغا بارغاندا بولسۇن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل قورۇمىنى ئىستىمال قىلىشقا ئامراق. يېسى پۇرچاق گەرچە كۆكتات تۈرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى ئازراقمۇ تۆۋەن ئەمەس؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېسى پۇرچاقنىڭ ماي سۈمۈرۈشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنى يىگەندە بىر خىل مايلىق تېتىيدۇ. بۇنچە كۆپ مايلىق كۆكتات، ئادەمنى ئەلۋەتتە سەمىرتىپ قويىدۇ.
قىزارتىپ قورۇلغان پىدىگەن(红烧茄子)
قىزارتىپ پىشۇرۇلغان پىدىگەن، قىزارتىپ پىشۇرۇلغان گۆشتىن قېلىشمايدۇ. بۇ قورۇما يىيىشلىك بولۇپ، ھەممىمىز يىيىشكە ئامراق ھەم كۆپ يەۋالىمىز. بىراق، بۇ خىل قورىمىنى تەييارلىغاندا، ئۇنىڭغا بەك كۆپ ماي كىتىدىغانلىقىنى بايقايمىز؛ بۇ، پىدىگەننىڭ ماي سۈمۈرۈشچانلىقىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل قىزارتىپ قورۇلغان پىدىگەنمۇ، سۈمۈرگەن ماي بەك كۆپ بولغانلىقتىن، ئوخشاشلا ئادەمنى سەمىرتىپ قويىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号