ئامىرىكىنىڭ لوس-ئانجىلىس شەھىرىدىكى 45ياشلىق ئەر رىچ.پىئانا، كىچىكىدىن باشلاپلا بەدىنى قاۋۇل بولۇپ، 11ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسىنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا چېنىقىشقا باشلىغان، 15يېشىدا رەسمى تۈردە مۇسابىقىغە قاتنىشىپ، 18يېشىدىن باشلاپ سىتىروئىد ئىچىشنى باشلىغان؛ ھازىر ئۇ بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگىلى 27يىل بولغان بولۇپ، رىئاللىقتىكى تاش ئادەمگە ئوخشاپ قالغان. پىئانانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن بەخىتلىك بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تاللىشىدىن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدىكەن.
پىئانانىڭ ئانىسى، بىر ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەركەتچىسى. پىئانا 11ياش ۋاقتىدا، ئىلگىرى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىدە، ئانىسىنىڭ مۇسابىقە ئالدىدىكى مەشىقىنى كۆرگەن ھەمدە ئانىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەرىكىتىگە قىزىقىپ قالغان.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، پىئانا ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلىشقا باشلىغان ھەمدە 15ياشقا كىرگەن يىلى تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئەمما نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن. نۇرغۇن قېتىملىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان سىناپ بېقىشلاردىن كىيىن، پىئانا سىتىروئىد ئىچىشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە ساق 27يىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ دورا ئىچىش ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقىپ تورغا چىقارغان. بىرلا ۋاقىتتا ئۇ يەنە، سىتىروئىد ئىچىشنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما كەسپى بەدەن گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىسى بولۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ باشقا ئامالى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ھازىرقى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تاللىشىدىن پۇشايمان قىلمايدىكەن.
پىئانا ئىلگىرى، ئامىرىكا ساغلاملىق-گۈزەللىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، يەتتىنچى ۋە ئون بىرىنچى بولغان ھەمدە نۇرغۇن قېتىم كالغورنىيە شىتاتى ساغلاملىق-گۈزەللىك مۇسابىقىسى چىمپىيونلىقىغا ئىرىشكەن. پىئانانىڭ كەسپى ھاياتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىللەردە، ئۇنىڭ ھەر ئايلىق ئۆستۈرۈش ھورمۇنى سېتىۋالىدىغان چىقىمىلا 2500ئامىرىكا دوللىرىدىن(تەخمىنەن 16مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) ئېشىپ كەتكەن، بۇ تېخى ئۇنىڭ سىتىروئىد سېتىۋالىدىغان چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
ساغلاملىق-گۈزەللىك مۇسابىقىسىدىن يېنىپ چىققاندىن كىيىن، پىئانا دورا ئىچىش ئادىتىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ تور بېتىنى تەسسىس قىلىش ئارقىلىق، ساياھەت نۇتقىغا قاتنىشىش ۋە قۇۋۋەت تۇلۇقلاش مەھسۇلاتلىرى سېتىش ئارقىلىق پۇل تاپقان.
يېقىندىن بىرى، پىئانا يەنە تۆت ئايلىق مۆھلەت ئىچىدە بىر ۋەزىپە ئورۇنلاشقا جەڭ ئېلان قىلىپ، تاماشىبىنلارغا ئۆزىدە يەنە يىڭىدىن 13.6كىلوگىرام مۇسكۇل ئۆستۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بۇ قېتىملىق جەڭ ئېلان قىلىشنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ كىيىنكى قېتىملىق ۋازىپىسى، 31كىلوگىرام ئۇرۇقلاش.