ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا بۇ ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5771:ئادەم ئۆگەندى
    ماشىنا، ئاللىبۇرۇنلا كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى. رىئال تۇرمۇشىمىزدا، بەزىبىر شوپۇرلاردا ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتا دىققەت قىلمايدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش قاتارلىقلاردۇر. بىراق، يەنە بەزىبىر قارىماققا ئادەتتىكىدەك بىلىنىدىغان ئىشلارنىمۇ ماشىنا ھەيدىگەندە قىلىشقا بولمايدۇ.
نائوشنىك تاقىۋىلىش
   ئىشىنىمەنكى، ئارىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ، يولدا كىتىپ بېرىپ، ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرغاندا ياكى يۈگرەپ چىنىققان ۋاقىتلاردا قولىقىغا نائوشنىك تاقىۋىلىپ ناخشا-مۇزىكا ئاڭلايدىغان كەچمىشلىرى بار. بىراق، ئەگەر سىز ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقتىڭىزدىمۇ يەنە بۇ ئادىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدۇ. چۈنكى، سىز قولىقىڭىزغا نائۇشنىڭ سېلىۋالسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى ھەرقانداق ئاۋازلارنى ئاڭلىيالمايسىز، بۇنىڭدا تەبىئىلا خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
بىر نەرسە يىيىش
    ماشىنا ھەيداۋاتقاندا بىرنەرسە يىسەك، ئادەمنىڭ دىققىتى ئاسانلا چېچىلىپ كىتىدۇ. چۈنكى، نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەردىكى قىياملار ياكى يىمەكلىك ئۇۋاقلىرى چۈشۈپ بىرىدىغان بولۇپ، سىز بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر كۆزلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ قىيام ياكى ئۇۋاق چۈشكەن يەرلىرىگە تاشلىسىڭىز، يولدا ئاسانلا خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بىرىدۇ. بۇندىن باشقا، مايلىق يىمەكلىك ۋە تاتلىق يىمەكلىك، سىزنىڭ ئۇيقۇڭىزنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
ماشىنا ھەيدەۋىتىپ قولىنى سوزۇپ نەرسە-كىرەك ئالماقچى بولۇش
   ئەگەر ئادەم ماشىنا ھەيدەۋىتىپ، ئورۇندۇقتىكى نەرسىنى، ھەتتا ئورۇندۇق ئاستىدىكى پۇت قويىدىغان يەردىكى نەرسىلەرنى ئالماقچى بولسا، كۆرۈش سىزىقى يولدىن ئايرىلىپ كىتىپ، قاتناش ھادىسىسى يۈز بىرىش ئىھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۋىتىدۇ.
ماشىنا ھەيدەۋىتىپ گىرىم قىلىش
    ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش رېتىمى ھەقىقەتەن تىز؛ بۇ سەۋەپلىك بەزى ۋاقىتلاردا، ئۇلارنىڭ گىرىم قىلىدىغانغا ۋاقتى چىقىشماي قالىدۇ. بىراق ئەگەر ماشىنا ھەيدەۋىتىپ گىرىم قىلىمىز دىسەك، ئۆزىمىزنى خەتەرلىك ھالەتكە ئەكىرىپ قويىمىز. كىرپىك لاكى دىگەنگە ئوخشاش گىرىم بۇيۇملىرى ئادەمنى زەخمىگە ئۇچرىتىش مۇمكىنچىلىكى بار بولۇپلا قالماي، بۇندىن باشقا، دىققىتىنىڭ چېچىلىپ كىتىشىمۇ قاتناش ھادىسىسى يۈز بىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
يول بويىدىكى ئېلان تاختىلىرىغا قاراپ قېلىش
   ئېلان تاختىسىنىڭ لايىھەلىنىشى، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئاساس قىلىدۇ؛ بىراق ماشىنا ھەيدەۋاتقان شوپۇرلار، دىققىتىنى ئېلان تاختىسىغا چېچىۋەتمەسلىكى كىرەك. بولۇپمۇ ئۆزلىكىدىن قويىلىدىغان رەقەملىك ئېلان تاختىلىرى تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ.
ماشنا ھەيدەۋىتىپ ئۇچۇر يېزىش ياكى تېلفون قىلىش
   بۇ خىل قىلمىش، ھازىر مۇتلەق كۆپ قىسىم ماشىنا ھەيدەيدىغانلار قىلىۋاتقان بىر ئىش. بىراق، بۇنداق قىلىش ھەقىقەتەن بەك خەتەرلىك. شۇنى ھەرگىز ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى، ماشىنا ھەيدەۋىتىپ تېلفون ئۇرۇش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ سانى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە زور.
ماشىنا ھەيدىگەندە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش
   نۇرغۇن ئاياللار، خىزمەت ئىھتىياجى ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى، كۆپىنچە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىدۇ؛ بىراق ئۇلار ھەمىشە، ماشىنا ھەيدەش ئۈچۈن باشقا بىر تۈز تاپانلىق ئاياغ تەييارلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كەيگەندە، ئاياغنىڭ پاشنىسى تۇرمۇز ياكى ماي دەسسىگۈچنىڭ ئاستىغا قىسىلىۋىلىپ، قورقۇنچلۇق خەتەرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئاتمىش كىلوگىرام كىلىدىغان بۇ قىز سىز ئويلىغاندەك كۈرۈمسىز ئەمەس

بىراق، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىشنى مۇتلەقلەشتۈرۋەتكىلى بولمايدۇ؛ بوي ئېگىزلىكى 155سانتىمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 120جىڭ كىلىدىغان گىرمان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号