قۇرۇق ئۈزۈم، تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى؛ بۇ سەۋەپلىك، قۇرۇق ئۈزۈم قېرى ياش، ئەر-ئايال نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشكەن.

قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ تۆمۈر تەركىبى ئىنتايىن مول، بۇندىن باشقا ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ خىل مىنرالنى ئىلمىنتلار، ۋىيتامىنلار ۋە ئامىنو كىسلاتالىرى بار بولۇپ، قان ئاز كەم ماغدۇرلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ئەڭ ماس كىلىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرىدۇر. قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئۈچەي دىۋارىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆزىگە چاپلاشتۇرۇپ، زەھەر ھەيدەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىش، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى ئاسراش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە تارتارىك كىسلاتا بار بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدىكى ۋىيتامىنلار، ئۇرۇقلىتىش رولىنى ئويناپ، يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈمىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى بولغان ۋېلول ئالكېگول، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ماددا ھىسابلىنىدۇ.

ئاچچىقسۇغا چىلانغان قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ، بىز ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئۈنۈملىرى بار. ئاچچىقسۇغا چىلانغان قۇرۇق ئۈزۈم كىسلاتالىق خارەكتىرگە ئۆزگىرەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا گۈلرەڭ ماددىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئاچچىقسۇ بولسا، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازان ئۈچەيدە يېغىلىپ ساقلىنىپ قېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ئازايتىپ، سېمىز كىشىلەرگە قارىتا تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن ئاچچىقسۇ ھەرئىككىسىنىڭ تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، ياغلارنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنىڭ خورىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ساخارىد ۋە ئاقسىللارنىڭ مىتابولىزىمىنى تىزلىتىپ، ئۇرۇقلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئاچچىقسۇنىڭ جىگەرنى قوغداش رولى بار.

ئاچچىقسۇغا قۇرۇق ئۈزۈم چىلاش ئۇسۇلى؛
1. ئېغىزى ھىم ئىتىلىدىغان قاچا تەييارلايمىز؛
2. ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان قۇرۇق ئۈزۈمنى قاچىغا سالىمىز؛
3. ئۈستىگە، قۇرۇق ئۈزۈم پۈتۈنلەي چۆكۈشكىچىلىك ئاچچىقسۇ قۇيىمىز؛
4. ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ بىر كىچە قويۇپ قويساق، قۇرۇق ئۈزۈم ئاچچىقسۇنى سۈمۈرۈپ كۆپسىلا بولىدۇ.