باشقىلارنىڭ مۇنداق بىر گېپى بار ئىكەن: بىر ئەركىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرەمدۇ يوق، ئۇنىڭ كەيپىياتى ناچار بولۇپ قالغان ۋاقىتتا سىزگە ياكى ئاچچىقلىنىپ قالغان ۋاقتىدا سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. مىنىڭچە بۇ سۆزلەر ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاچچىقلىنىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بار، ئادەمنىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىپ قالغاندا، بەزىدە چەكتىن ئاشىدىغان گەپلەرنى ۋە ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؛ ئەمما بۇنداق ۋاقىت، بىر ئەركىشىنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى سىنايدىغان ئەڭ ياخشى پەيت. سىزنىڭ ئورنىڭىز ئۇنىڭ كۆڭلىدە قانچىلىك مۇھىم بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا سىزگە تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىنى بەلگىلەيدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەر كىشى، غەزەپلىنىپ يېرىلىپ كىتەي دەپ قالغاندىمۇ، سىزنىڭ تۇيغۇلىرىڭىزنى ئويلىشىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالنى يالغاندىن دورىۋالغىلى بولمايدىغان بولۇپ، بۇ ئادەمنىڭ بىر خىل تەبىئى ئىنكاسىدۇر.
بىراق، ئەگەر ئەركىشى ئاچچىقى كىلىپ قالغان ۋاقىتتا، سىز بىلەن كارى بولماي، ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىشنىلا ئويلىسا، ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشى راست بولغان تەقدىردىمۇ، مىنىڭچە ئۇنچە چوڭقۇر ئەمەس ھىسابلىنىدۇ.

ئىلگىرى، كوچىدا قاتتىق سوقۇشۇپ كەتكەن بىر جۈپ ئەر-خوتۇنلارنى كۆرگەن. ئەينى ۋاقىتتا كەچ سائەت 9دىن ئازراق ئاشقان ئىدى. ئىرى ئايالىنىڭ گەپ ئاڭلىمىغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ، ئاخىرىدا بىر ئېغىز "نىمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىل، سەن كەتمىسەڭ مەن كىتەي" دىگىنىچە، بىر ئۆرۈلۈپلا كىشىلەر توپى ئارىسىدا غايىپ بولدى.
ئۇ ئايال بولسا قورقۇپ كىتىپ، تۇرغان جايىدىلا ئولتۇرۇپ يىغلامسىراشقا باشلىدى.
بىردەم يىغلىۋالغاندىن كىيىن، ئۇ ئايال روھى چىقىپ كەتكەندەك ھالەتتە ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئايال تەخمىنەن بىرەر يۈز مىتىر مېڭىپ بولغاندىن كىيىن، ئالدىدا ئاچچىقلىنىپ كىتىپ قالغان ئىرى كىشىلەر توپى ئارىسىدا تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ، خۇددى بىر رازۋىدچىكقا ئوخشاش، بەلگىلىك ئارىلىق ساقلىغان ھالدا ئايالىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

شۇنداق، جىدەللىشىپ قالغان دىگەن باشقا بىر ئىش؛ بىراق مەن سىزنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام، سىزنى كوچىدا يالغۇز تاشلاپ قويۇشقا قانداقمۇ كۆڭلۈم چىدىسۇن دەيسىز.
بەلكىم بۇ، بىر ئادەمنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن؛ مەيلى قانداقلا ئەھۋالدا بولمىسۇن، يەنىلا سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ.
ئەگەر ئەركىشى سىزنىڭ يالغۇز ھالدا كىتىپ قېلىشىڭىزغا يول قويسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىزنى چوڭقۇر ياخشى كۆرۈپ كىتىشى ناتايىن؛ ھېچبولمىغاندا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە، سىز ئۇنىڭ ئابرويىچىلىك مۇھىم ئەمەس.
ئەركىشىنىڭ ئاچچىقلانغان ھالىتىدىن، ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز.

سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى، ئاچچىقلانمايدۇ ئەمەس، بەلكى ئاچچىقلىنىپ قالغاندىن كىيىن، سىزدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەپۇ سوراپ، سىز بىلەن يارىشىپ قالىدۇ. چۈنكى، سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم؛ ئاچچىقى يانغاندىن كىيىن، ئالدىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
ئاياللار يېنىدىكى، ئۇلار ئۈچۈن كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىشنى خالايدىغان ئاشۇ ئادەمنى قەدىرلىشى كىرەك؛ چۈنكى، ئۇ بەلكىم ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشقان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا سىزمۇ بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكىڭىز كىرەك. بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئىچىدىن، ئۇنىڭ ھەقىقى مۇھەببىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە ئەڭ ئاسان ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ نىمىگە ئەڭ ئىتىبار بىرىدىغانلىقىنى ئاسانلا كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ.