ھامىلدار ئايال ماشىنىدا كىتىپ بېرىپ 6سىكونت ئىچىدىلا تۇغۇۋەتتى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
    يېقىندا پىرۇدا، بىر بىپەرۋا ئەر، ھامىلدار ئايالىنىڭ تۇغۇتىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بايقىماي، يەنە تېخى ئۇنى ماشىنىغا سېلىپ سىرتقا ئېلىپ چىققان؛ ئويلىمىغان يەردىن، ئايالى يول ئۈستىدە بالىسىنى تۇغۇۋەتكەن؛ ئىرى ماشىنىنى يول بويىغا تارتىپ توختىتىشقا ئۈلگىرەلمەي، ماشىنا ھەيدىگەچ يانفونى ئارقىلىق ئايالىنىڭ پۈتكۈل تۇغۇت جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىپ خاتىرلىۋالغان. بۇ سۈرەت ئىجتىمائى ئالاقە تورىغا چىقىرىلغاندىن كىيىن، شۇ ھامان تورداشلارنىڭ قىزىق غولغۇلىسىنى قوزغىغان.
   سۈرەتلىك فىلىمدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدار ئايال تۇغۇش جەريانىدا، بىر تەرەپتىن قاتتىق چىقىراپ توۋلىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن قولىنى ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىغا سوزۇپ، تۇغۇلغان بالىسىنى تۇتىۋالغان؛ بىر تەرەپتە سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ئىرى تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بىر تەرەپتىن يىغلىغاچ بىرتەرەپتىن سۈرەتكە ئالغان. بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش جەريانى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولغان بولۇپ، پەقەت ئالتە سىكونت سەرپ قىلىپلا، بۇ دۇنياغا سالامەت كۆز ئاچقان.
    فىلىمدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئانا كىندىكى تېخى كىسىلمىگەن بالىسىنى قۇچىغىغا ئالغان؛ چىرايىدا بولسا، ئانىلىق بولغۇچىنىڭ خۇشاللىق كۈلكىلىرى جىلۋە قىلغان.
   كىيىن، ئۇلار بۇ سۈرەتلىك فىلىمنى ئىجتىمائى ئالاقە تورىغا چىقارغان. ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ئەسلىدە ئۆيىدە ئازادىچىلىك ئىچىدە تۇغۇشنى ئويلاشقان؛ بىراق بۇندىن بۇرۇن، 7سائەتتەك تولغان تۇتقان بولسىمۇ، ئەمما باش سۈيى ئىزچىل تۈردە تىشىلمىگەن، شۇڭا ئۇلار بالىنىڭ بۇنداق تىزلا تۇغۇلۇپ قېلىشىنى ئويلاپ يەتمىگەن.
    ئايالى مۇنداق دىگەن: "تۇغۇت جەريانى مىھرى-مۇھەببەتكە تولدى، بۇ مەن ئىرىشكەن ئەڭ ياخشى ئانىلار بايرىمى بولدى".
   ئۇلار بۇ بوۋاققا نويا دەپ ئىسىم قويغان. تورداشلار تۇغۇت جەريانىنىڭ سۈرەتلىك فىلىمىنى كۆرگەندىن كىيىن، بەس-بەستە سۆز قالدۇرۇپ، ئانا-بالا ئىككەيلەنگە بەخىت تىلەكلىرىنى تىلىگەن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号