تاشلىۋىتىلگەن بوۋاق قىرىق يىلدىن كىيىن ئۆز ئانىسى بىلەن ئۇچراشتى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
   خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 1977-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ھامىلدار بولغىلى 8ئايلىق بولغان بىر ئايال، ئامىرىكا ئىخوۋا شىتاتىدىكى بىر دوختۇرخانىغا كىلىپ، تۇز سۈيىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ بالا چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلق قورسىقىدىكى بالىسىنى ئالدۇرۋەتكەن. كىيىنچە مېلىسا.ئوخدېن دەپ ئات قويۇلغان بۇ قىزنى، دوختۇر ئوپراتسىيەدىن كىيىن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەن بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى، ئاران 2.6جىڭ كىلىدىغان يېرىم ئۆلۈك بۇ بوۋاق ئىنتايىن ئاجىز ئىڭراپ يىغلىغان ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىغان؛ بۇ ۋاقىتتا، ئەخلەت ساندۇقى يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىر سېستىرا بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قۇتقۇزۇپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن.
    مىلىسانىڭ ئانىسى ئوپراتسىيەدىن كىيىن، بالىسىنى ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتتى دەپ قارىغان؛ لىكىن ئۇنىڭ ئويلاپ باقمىغىنى، بالىياتقۇغا تۇز سۈيىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ بالنى ئۆلتۈرۈپ چۈشۈرۈش ئۇسۇلى، ئەڭ ئۈنۈملۈك بالا چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ قىزى ئۆلۈپ كەتمەي ھايات قالغان. ھاياتلىق ئىپادىلىرى ئىنتايىن ئاجىز بولغان مىلىسا سېستىرا تەرپىدىن قۇتقۇزىۋىلىنغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بەدىنىدە ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان: ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، خۇاڭدەن ۋە تارتىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئاق كۆڭۈل سېستىرا مېلىسانى دوختۇرخانىدا ئۈچ داۋالاتقاندىن كىيىن، مىلىسا بىر جۈپ ياخشى نىيەت ئەر-خوتۇن تەرپىدىن بېقىۋىلىنغان.
   مېلىسا ئۆزىنى بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولۇپ 14ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىنىڭ بېقىۋىلىنغان بالا ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەمدە كىيىنچە پۈتكۈل بالا چۈشۈرۈش، باشقىلار تەرپىدىن بېقىۋىلىش قاتارلىق ئەمىلىيەتلەرنىڭ ھەممىدىن خەۋەر تاپقان. 19ياشقا كىرگەن يىلى، مېلىسا ئاخىرى ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ تېپىشنى قارار قىلغان؛ بىراق، كىيىن ئۇ دادىسىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، داۋاملىق ھالدا ئانىسىنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچكەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇ توي قىلىشنى تاللاپ، پەرزەنتلىك بولغان.
    مېلىسا 34ياشقا كىرگەن يىلى، تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۆزىنى مىلىسانىڭ ئاچىسى دەپ ئاتىۋالغان بىرسى مېلىسانى ئىزدەپ كەلگەن؛ ئاچىسى ئۇنىڭغا، ئەينى ۋاقىتتا ئانىسى 8ئايلىق بولغان  بالىنى چۈشۈرۋىتىشنى ئويلاشقان ئەمەسلىكىنى، ئانىسىنىڭ ھەيىز دەۋرى ئىزچىل تۈردە بىنورمال بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئەمىلىيەتتە ھامىلدار بولغىلى ئاللىبۇرۇن ئۈچ ئاي توشۇپ بولغانلىقىنى ئېيتقان.
    بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، مىلىسا ئانىسىنى ئىزدەپ تېپىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئاخىرى ئانىسى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. مىلىسانىڭ دىيشىچە، ئۇ ھازىر ئەپۇ قىلىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۆز ئانىسىدىن قايتا نەپرەتلەنمىگەن، ئەكىسچە قالغان ئۆمرىدە قارشى تەرەپ بىلەن تېخىمۇ يېقىن ئالاقىلىشىپ ئۆتۈشنى ئويلاشقان.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号