قېيىنئانىڭىز بىلەن ياخشى ئۆتىمەن دىسىڭىز بۇ داۋلىلارنى چۈشىنىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5782:ئادەم ئۆگەندى
    ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن، ئادەتتە ئىرىگە ئەگىشىپ، قېيىنئانىسىنى "ئانا" دەپ چاقىرىدۇ؛ بىراق بۇ "ئانا"، ئۇ"ئانا" ئەمەس. قېيىنئانا بىلەن كىلىن، گەرچە "ئانا ۋە قىزىم" دەپ ئاتاشسىمۇ، ئەمما ھەقىقى ئانا-بالا ئەمەس؛ ئولارنىڭ ئارىسىدا قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمايلا قالماي، ھەتتا ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرلۇقتا ئازراق مىھىرى-مۇھەببەتمۇ يوق.
    توي قىلغان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر ئايال كىشى، ئۆز ئانىسىغا ئوخشاش ئۆتۈپ كىتەلەيدىغان بىر قېينئانىغا ئىرىشىشنى ئويلايدۇ. چۈنكى، ياخشى بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى، تۇرمۇشتىكى كۆپ ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلاپلا قالماي، يەنە تېخى ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەر-خوتۇنلارنى تېخىمۇ ئىجىل-ئىناق قىلىۋىتىدۇ.
    بىراق قەدىمدىن تارتىپ، قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى بىر قىيىن مەسىلە ھىسابلىنىدۇ. مەيلى مۇلايىم كۈيۈمچان ئايال بولسۇن ياكى خارەكتىرى كۈچلۈك زومىگەر ئايال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىتەرەپ قىلىشى تەسكە توختايدۇ.
    ئەمما مۇناسىۋەتلىك ئائىلە مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قېيىنئانىسى بىلەن ئۆز ئانىسىدەك يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۇنچە تەس ئەمەس بولۇپ، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ داۋلىنى چۈشىنىپ يىتىش كىرەك ئىكەن.
قېيىنئانىنىڭ "ئانىسى" ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارماسلىق
    مەيلى قېيىنئانىڭىزنىڭ مىجەزى قانداقلا بولمىسۇن، سىز ھەرۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ كىلىن ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماي، ئورنىڭىزنى توغرا تۇتۇشىڭىز ھەمدە ياخشى بىر كىلىن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى جايىدا قىلىشىڭىز كىرەك.
    قېيىنئانىڭىزنى گەرچە "ئانا" دەپ ئاتىسىڭىزمۇ، ئەمما راستىنلا ئۆز ئانىڭىزغا ئەركىلىگەندەك ئەركىلىسىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا مەيلى گەپ-سۆز ياكى يۈرۈش تۇرۇشتا بولمىسۇن، ھەرۋاقىت چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكىڭىز كىرەك.
قېيىنئانا كىلىن مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا—ئەر كىشى
    ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىمۇ زىددىيەت كۆرۈلىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدۇ؛ شۇڭا قېيىنئانا ۋە كىلىن ئوتتۇرسىدا سۈركىلىش كۆرۈلۈش، نورمال بىر ئەھۋالدۇر. بىراق كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىز بىلەن پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلگەندە، ھەرگىز ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە توقۇنۇشۇپ قالماسلىقىڭىز ھەمدە ئىرىڭىزنى ئوتتۇرلۇقتا كۆۋرۈك قىلىپ تۇرۇپ قېيىنئانىڭىز بىلەن "پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭىز لازىم.
    ئىرىڭىزنى قېيىنئانىڭىزنىڭ ئالدىدا ياخشى گېپىڭىزنى قىلىپ قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلسىىڭىز، ئىرىڭىزنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق قېيىنئانىڭىزغا بولغان مىننەتدارلىقىڭىزنى يەتكۈزسىڭىز ۋە ئىرىڭىز ئارقىلىق قېيىنئانىڭىزنىڭ كۆڭلىدە ھەقىقى ئويلىغانلىرىنى ئىگىلەپ، ئۆزىڭىز بۇنىڭغا مۇناسىپ ئىش كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدا، قېيىنئانىڭىز سىزنى ئىرىگە بەك ئىشىنىدىكەن ھەم تايىنىدىكەن دەپ قاراپ، شۆھرەتپەرەسلىكى قانائەت تاپىدۇ دە، سىزگە ئەلۋەتتە بارغانسىرى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.
قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، ئارىلىق "گۈزەللىك" شەكىللەندۈرىدۇ
   قانداشلىق مۇناسىۋىتى، ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر ھاڭدۇر؛ شۇڭلاشقا ھەر ۋاقىت قېيىنئانىڭىزنى ئۆز ئانىڭىز چاغلاپ قالماسلىقىڭىز كىرەك. قېيىنئانىڭىز بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاپ، بەك يېقىنلىشىپ ئۆزىڭىزنى بىلەلمەي قالمىسىڭىز، ھەمدە بەك يېراقلىشىپ ئۆزىڭىزنى قاچۇرغاندەك كۆرۈنۈپ قالمىسىڭىز، ئوتتۇرلۇقتا بەزى تەڭلىكتە قالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ ھەمدە قېيىنئانىڭىزنى بىزنى ئۆز كۆرمەيدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
   بۇنداق يا يېراق ئەمەس، ياكى يېقىن ئەمەس ئارىلىقنى ساقلاپ ئۆتكەندە، قېيىنئانىڭىز بىر خىل ھۆرمەتلەشكە ئىرىشكەندەك بولىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك سىزنىمۇ ئىززەتلەيدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، تەبىئىلا ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشىغا ئارتۇقچە ئارىلىشىۋالمايدۇ.
    قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، خۇددى مۇھەببەتلەشكەنگە ئوخشاش نۆلدىن باشلاش، خۇددى دوستلارغا مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش ئەجىر سىڭدۈرۈش، خۇددى ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت قىلغانغا ئوخشاش ۋاپادارلىق كۆرسىتىش كىرەك بولغاندىن باشقا، بىر-بىرىگە ئازراق بوشلۇق قالدۇرغاندا، ئوتتۇرلۇقتا تەدرىجى ھالدا مىھىر شەكىللىنىپ، ياخشى بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号