ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياش پەرقى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
    بەزىلەردە "ئايال كىشى ئىرىدىن ئۈچ ياش چوڭ بولسا، ئىرىنىڭ تەلىيى كىلىدۇ" دىگەن قاراش بار؛ بەزى ياشقا چوڭراق كىشىلەر تېخى، ئايال كىشىنىڭ پىسخىكىلىق يېشى ئەرلەرگە قارىغاندا چوڭراق بولىدۇ، شۇڭا ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياش پەرقى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى دەپ بىلىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياش پەرقى چوڭراق بولمىسا، ئارىدا نۇرغۇن زىددىيەتلەر تۇغۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، يۇقارقى قاراشلارنىڭ زادى ئاساسى بارمۇ يوق؟
    گەرچە پىسخىكىلىق يېشى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇ ئايال كىشى چوڭراق بولسا نىسبەتەن ياخشى بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنتلىك بولۇپ ئەۋلاد قالدۇرۇش نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنداق بولمايدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدە، مەن بەزىبىر ئالاقىدار دوختۇرلاردىن سوراپ باقسام، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، "ئايال كىشى ئىرىدىن چوڭراق بولسا ياخشى بولىدۇ" دىگەن بۇ خىل قاراش، پەرزەنتلىك بولۇپ ئەۋلاد قالدۇرۇش پىسخىكىسىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن.
    كۆپچىلىك بەلكىم ئەڭ ياخشى تۇغۇت ياش مەزگىلى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە، ئايال كىشىنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇت مەزگىلى، 25ياشتىن 30ياشقىچە بولغان مەزگىل؛ ئەرلەرنىڭ بولسا، 30ياشتىن 35ياشقىچە بولغان مەزگىل. نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئەڭ ياخشى تۇغۇت ياش مەزگىلى بار بولىدۇ دىگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ ئاساسلىقى، ئەر ۋە ئايال ئىككى تەرەپنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەڭ ياخشى تۇغۇت ياش مەزگىلى ئىچىدە ھامىلدار بولۇپ تۇغۇش، ھامىيلىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئايالنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدىلىق. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، مەيلى ئەر كىشى بولسۇن ياكى ئايال كىشى بولسۇن، ئىسپىرما ۋە تۇخۇمنىڭ سۈپىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
    ئاياللار 30ياشتىن ئاشقان ۋەياكى ئەركىشى 35ياشتىن ئاشقان ۋاقىتتا، ئادەمنىڭ ھەر تۈرلۈك بەدەن ئىقتىدارلىرى چىكىنىش ھالىتىدە تۇرۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەندە ئەسلىدىنلا كىسەللىك يۇشۇرۇن خەۋىپى بار بولۇش مۇمكىنچىلى بار بولغاچقا، تۇغۇلما كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بوۋاق تۇغۇلۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرىلاپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مەزگىلدە، ئەرلەرنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولغاچقا، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولۇش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دوختۇرلار ئادەتتە ئەڭ ياخشى تۇغۇت ياش مەزگىلىدە ھامىلدار بولۇپ تۇغۇش تەكلىۋىنى بىرىدۇ.
    ئۇنداقتا، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ياش پەرقى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
   ئەگەر ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشى مەزگىلى بويىچە ھىسابلىغاندا، ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ياش پەرقى 10-5ياش ئەتراپىدا بولىدۇ. چۈنكى، ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇغۇت ياش مەزگىلى 25ياشتىن باشلىنىدۇ، ئەرلەرنىڭ بولسا 30ياشتىن باشلىنىپ 35ياشتا ئاخىرلىشىدۇ؛ بۇ بويىچە ھىسابلىغاندا، 5ياش پەرق قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق ھىسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ياش مەزگىلىدە ھامىلدار بولسا، ئەلا سۈپەتلىك ھەم ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى بالا تۇغۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.
   ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت ئايرىم بىر قىسىم تىبابەت خادىملىرىنىڭ تەتقىقاتى بولۇپ، كۆپچىلىك ئەتراپىمىزدىكىلەرنى كۆزىتىپ، بۇ ھەقتە ئۆزىمىزنىڭ يەكۈنىنى چىقىرىپ باقساقمۇ بولىدۇ. بىراق شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كىرەككى، بۇ ھەرگىز ئەقىللىق بالا تۇغۇشنىڭ شەرتى ئەمەس؛ بۇ پەقەت، مەلۇم نوقتىدىن قارىغاندا، بەلگىلىك ئاساسى بار بىر خىل قاراش خالاس.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号