يىگىرمە يىلدىن بېرى چېچىنى ئۆزى يۇيۇپ باقمىغان ئايال چولپان
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6261:قېتىم كورۇلدى
    دۆلىتىمىز ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە، بەلگىلىك نەتىجە قازانسا ياكى ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتسىلا، سەنئەتكار دىگەن نامغا ئىرىشىدىغان بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىدە سەنئەتكارلار ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك شەخىس ھىسابلىنىدۇ. جاۋ بىنشەن، گودېگاڭ قاتارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئىرىشكەن سەنئەتكارلار ئىنتايىن كۆپ؛ ئەمما ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇپتىكى يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى سەنئەتكار بار ، ئۇ بولسىمۇ دۆلىتىمىزدىكى ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى ياڭ لىپىڭدۇر. ياڭ لىپىڭنىڭ خەلقئارا ئۇسسۇل ساھەسىدىكى ئورنىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ "توز ئۇسسۇلى" تارىختىن بويانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.
   بىراق، ياڭ لىپىڭ ئۇسسۇل ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ بەدەللەرنى تۆلىگەن؛ بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ گۈرۈچ ئېشى يەپ باقمىغىنىغا 20يىلدىن ئاشقان ھەمدە ھازىرغا كەلگىچىلىك بالا تۇغمىغان. بۇندىن باشقا، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدىنىنىڭ يۇمشاقلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نەچچە تال قۇۋۇرغا سۆڭىكىنى ئالدۇرۋەتكەن. بۇ سەۋەپلىك، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى نىرۋىسى ئاجىز دەپ ئەيىبلەشكەن.
    بىراق، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى نىرۋىسى ئاجىز دەپ ئەيىبلىگەندىن باشقا، يەنە ئۇنى "ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدۇ" دەپ تىللىشىدۇ، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، مىللىچە ئۇسسۇل ئارتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قولىنىڭ تىرناقلىرىنى ياساپ زىننەتلەش زۈرۈر بولىدۇ. شۇڭا ياڭ لىپىڭمۇ، يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان قولىنىڭ تىرنىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى 3سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا ساقلىغان؛ ئەمما بۇ سەۋەپلىك، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقالماسلىقتەك ئەھۋالغا كىلىپ چىققان.
   گەرچە تىرنىقى ئۇزۇن بولسا ئۇسسۇل ئوينىغاندا چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشتا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. مەسىلەن، تاماق يىيىش، يۇيۇنۇش، ھاجەتكە چىقىش قاتارلىقلاردا، باشقىلارنىڭ ياردەملىشىشىگە مۇھتاج بولىدۇ. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ياڭ لىپىڭ ئەزەلدىن ئۆزى يۇيۇنۇپ باقمىغان، ھەر قېتىمدا باشقىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئاندىن يۇيۇنۇش پۈتكۈل "ئىش تەرتىپىنى" تۈگىتەلەيدىغان ئەھۋالغا قالغان؛ بۇندىن باشقا، ھاجەتكە ئولتۇرغاندىمۇ ئادەتتە ياردەمچىسىنى چاقىرىپ ياردەملەشتۈرىدىكەن، ئەگەر ئۆيىدە بولسا ئۆي خىزمەتچىسىنى ياردەملەشتۈرىدىكەن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号