يازدا بۇ كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىڭ، ياشىرىپ كىتىسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 47298:قېتىم كورۇلدى
    كۈندە نىمە يىسەم بولار دەپ ھازىرمۇ بېشىڭىز قاتۇرۇپ يۈرەمسىز؟ ئويلىنىش كەتمەيدۇ، يازنىڭ كۈنىدە تۆۋەندىكى كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىش كىرەك؛ بۇنىڭدا، بەدىنىڭىزدىكى زەھەرلەرنى ھەيدەپ ئۇرۇقلىتىدۇ.
ئالى دەرىجىلىك ساغلاملىق مەھسۇلاتى—پىچەكگۈل(山药)
   ئىلمى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، پىچەكگۈلنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ تەركىبىدە يېپىشقاق ئاقسىل بار بولۇپ، بۇ خىل ئاقسىلنىڭ ياغلارنىڭ قان تۇمۇرلاردا يېغىلىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئارتىرىيەنىڭ بەك بالدۇرلا قېتىشىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش، تىرە ئاستىغا ياغ يېغىلىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق رولى بار بولۇپ، ئۇرۇقلىتىپ بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنمىگە ئىگە.
    پىچەكگۈلنى ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئەتىگىنى بىر ئىستاكان سەۋزە پىچەكگۈل شەربىتى ئىچىپ بەرسەك، ئاشقازان ۋە ئۆتنى ياخشىلايدۇ؛ كەچتە پىچەكگۈل توخۇ شورپىسىدىن بىر چىنە ئىچىۋالساق، ماغدۇر ۋە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلايدۇ.
زەمبۇرۇغلار شاھى—قارا قېرىنقولاق
    قارا قېرىنقولاقنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، "زەمبۇرۇغلار شاھى" دەپ نام ئالغان قارا قېرىنقولاق تەركىبىدە ئۆسۈملۈك يىلىمى ئىنتايىن مول. بۇ خىل ماددىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سۈمۈرۈپ چاپلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، بەدەندە ھەزىم قىلىنماي  قېلىپ قالغان كىرەكسىز قالدۇق ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاشقا پايدىلىق رول ئوينايدۇ؛ بۇندىن باشقا، ئۆتكە تاش چۈشۈش، بۆرەككە تاش چۈشۈش قاتارلىق كىسەللىكلەرگە قارىتامۇ ياخشىلاش ئۈنۈمى بار.
    قارا قېرىنقولاق تەركىبىدىكى لىتسىتىن، بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان بولۇپ، ياغ تەركىبلىرىنى بەدەن ئىچىدىلا پارچىلاپ خورىتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
يازلىق ئەڭ ياخشى كۆكتات—تەكىيە كاۋىسى(冬瓜)
   تەكىيە كاۋىسى تەركىبىدە ۋىيتامىن B1 ۋە يىرىك تالا ماددىسى بىرقەدەر مول بولۇپ، ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلاپ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە سۇغۇق يەلنى ھەيدەپ توكسىن تازىلايدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىش ۋە ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگەن.
   تەكىيە كاۋىسىنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق، شۇڭا تۇمۇز ئىسسىق ۋاقىتتا بىئاراملىق ھىس قىلغاندا، شورپا قاينىتىپ ياكى قورۇما قورۇپ ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ. بىراق، ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە ۋە ئاشقازىنى سۇۋۇپ ئاغرىيدىغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك.
ئۆزى كىچىك ئەمما قىممىتى يۇقىرى—يىشىل پۇرچاق
    ياز پەسلىدىكى تاماق ئۈستىلىدە، يىشىل پۇرچاق كەم قالسا بولمايدۇ. يىشىل پۇرچاقنىڭ ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى نىتراللاشتۇرالايدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، يىشىل پۇرچاق، بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلايدىغان ئەڭ ياخشى يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى. بۇندىن باشقا، يىشىل پۇرچاقنىڭ يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار بولۇپ، سىزنى تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدۇ.
    يىشىل پۇرچاقنىڭ قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك، يىشىل پۇرچاق شورپىسى بولسا ئىششىقنى ياندۇرۇشقا پايدىلىق. بىراق دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، تۆمۈر قازاندا يىشىل پۇرچاق شورپىسى قايناتماسلىق كىرەك، بەك قاينىتىۋىتىشكىمۇ بولمايدۇ؛ بولمىسا، يىشىل پۇرچاق تەركىبىدىكى ۋىيتامىن ۋە ئورگانىك كىسلاتا قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号