مۇھەببەت ھەققىدە بىرىلگەن نادىر تەكلىپلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6026:قېتىم كورۇلدى
مۇناسىۋەتنى لايىقىدا ساقلاش
   1. كۈندىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا، كىشى كۆڭلىگە ئازار بىرىدىغان گەپلەرنى قىلىشتىن ئىمكان قەدەر قىلماڭ؛ ئىنكار قىلىدىغان، چۈشۈرىدىغان گەپلەرنى ھەرۋاقىت ئېغىزىڭىزدىن چۈشۈرمەسلىكتىن ساقلىنىڭ. ھۆرمەت قىلىش، ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەتنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
    2. قارشى تەرەپكە بەلگىلىك دەرىجىدە ۋاقىت ۋە بوشلۇق جەھەتتە ئەركىنلىك بىرىڭ؛ قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە قىزىقىش ھەۋەسلىرى بولۇشقا يول قويۇڭ.
    3. پۇل جەھەتتە، ئەگەر ئۆزۈڭلار تاپقان پۇلنى ئۆزۈڭلار خەجلەيدىغانغا بولمىساڭلار، ئەگەر قىممەت بىر نەرسىلەرنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى قارشى تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىتەرەپ قىلىڭ.
بىر كۆزەتكۈچى بولۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ
    4. قارشى تەرەپكە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ خۇشال بولغىنى، تەشۋىشلەشكىنى، بىئارام بولغىنى قاتارلىق كەيپىياتلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، نىمە بولغىنىنى سوراپ قويۇڭ ھەمدە ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاشنى خالايدىغىنىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.
    5. ھەر قېتىم بەلگىلىك ۋاقىتتىن كىيىن، قارشى تەرەپنىڭ يىڭى ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقاشقا تىرىشىپ كۆرۈڭ ھەمدە ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ ھەمبەھىرلىنىڭ.
    6. تەنقىدلەپ ئەيىبلەشنى ئازايتىپ، تۇيغۇڭىزنى ۋە ئىھتىياجىڭىزنى كۆپرەك سۆزلەڭ؛ مەسىلەن، سىز مۇنداق دىسىڭىز بولىدۇ: "بۈگۈن كەچ قالدىڭىزغۇ، مەن خاپا بولۇپ قالدىم، بۇندىن كىيىن بۇنداق كەچ قالمىسڭىز بولامدۇ؟"
مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق
    7. قارشى تەرەپكە بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالماڭ ھەمدە مۇھەببەتنىڭ شەرتى بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىڭ. بىز مەلۇم بىر تەلەپنى قانائەتلەندۈرسەك ئاندىن سۈيۈشكە ئىرىشەلەيدىغان ئەمەس، ئەلۋەتتە، باشقىلارمۇ ھەم شۇنداق.
    8. يۇقىرى تەلەپ قويغانغا قارىغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقى ھالىتىنى قوبۇل قىلىش، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ بەخىتلىك، تېخىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بار قىلىدۇ.
   9. خۇشامەت قىلماڭ، بەلگىلىك مەقسەتنى نىشان قىلغان ئاساستا ئاندىن بەدەل تۆلەيمەن دەپمۇ ئويلىماڭ؛ بولمىسا، ئەگەر قارشى تەرەپ كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئىنكاس قايتۇرمىسا، ئاسانلا غەزەپلىنىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئاچچىقلىنىپ غەزەپلىنىش كەيپىياتى شەكىللەنگەندىن كىيىن، ئاچچىقىمىزنى چىقىرىشنى تاللىساق قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىمىز؛ ئەگەر ئاچچىقىمىزنى بېسىۋىلىشنى تاللىساق، ئۆزىمىزگە زىيان يەتكۈزىمىز.
زىددىيەت كۆرۈلگەندە
    10. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەربىر قېتىملىق كۆڭۈل ئازابىنى قايتۇرۋالغىلى بولمايدۇ، مۇھەببەت كۆڭۈل قويۇپ ئاسراشقا مۇھتاج.
    11. ھەرقانچە ئاچچىقلىنىپ كەتسىڭىزمۇ، مەسىلىنى يەنىلا بىرلىكتە ھەل قىلىش كىرەك؛ ناچار مەسىلىنى قارشى تەرەپكە تاشلاپ قويماڭ، ھەم يالغۇز ئۆز زىممىڭىزگىمۇ ئېلىۋالماڭ.
    12. ئەگەر مەسىلىنى ۋاقتىنچە ھەل قىلىشقا ئامال بولمىسا، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزگە ۋە قارشى تەرەپكە كۆپرەك ۋاقىتپ بىرىڭ، سەۋرچان بولۇڭ.
    13. ئۈنۈملۈك پىكىرلىشىش، پەقەت ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى بېسىۋالغان ھالەت ئاساسىغىلا قۇرۇلىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号