ئاچ قوساققا يىيىشكە بولمايدىغان تۆت خىل يىمەكلىك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5821:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر، كىشىلەر قارىماققا يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە بارغانسىرى دىققەت قىلىدىغان بولۇپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتى تەرتىپسىز بولۇپ، ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋىلىپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدىغان، ياكى قورسىقى ئاچسا خالىغانچە بىر نەرسىلەرنى يەپ بولدى قىلىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىراق شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى، بەزى يىمەكلىكلەرنى ئاچ قوساققا يىيىشكە بولمايدۇ، بولمىغاندا، ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە قايتۇرۋالغۇسىز زىيانلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ.
تاتلىق ياڭيۇ
    گۈرۈچ ئېشىغا قارىغاندا، تاتلىق ياڭيۇنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئۇرۇقلاشنى مەقسەت قىلغانلار كۆپىنچە تاتلىق ياڭيۇنى ئاساسلىق يىمەكلىك ئورنىدا ئىستىمال قىلىپ، قوسىقى ئاچقان ۋاقىتتا بىۋاستىلا تاتلىق ياڭيۇ يەيدۇ. بىراق، تاتلىق ياڭيۇنى ئاچ قوساققا يىيىشكە بولمايدۇ؛ چۈنكى، تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدىكى تاننىن ۋە يىلىم ماددىسى، ئاشقازان ئۈچەينىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا بەزىبىر بىئاراملىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تاتلىق ياڭيۇنى بىۋاستە ھەزىم قىلىشتىن شەكىللەنگەن كاربون تۆت ئوكسىد گازى ئاسانلا قوساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تاتلىق ياڭيۇنى بەزىبىر مىۋە-كۆكتاتلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىش كىرەك.
بانان
    بانان كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ساغلاملىق مىۋىسى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئىشقا بارغاندىمۇ سومكىسىغا بىر ئىككى بانان سېلىۋىلىپ، خىزمەت ئارىلىقىدا يەيدۇ. بىراق، بانان گەرچە ياخشى يىمەكلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئاچ قوساققا يىيىشكە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، باناننى بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، ئاچ قوساققا يىگەن ۋاقىتتا، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى تىزلىتىۋىتىدۇ؛ ئەمما ئاچ قوساق ئەھۋال ئاستىدا ئۈچەي يولىدا باشقا يىمەكلىك بولمىغاچقا، يۇقارقى ئەھۋال ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە بەلگىلىك زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باناننىڭ تەركىبىدە كالىي ماددىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئاچ قوساققا بانان ئىستىمال قىلغاندا، بەدەندىكى كالى مىقدارى قىسقا مۇددەت ئىچىدە يۇقىرى ئۆرلەپ كىتىپ، ساغلاملىققا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
كالا سۈتى
   نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپلا كالا سۈتى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بەزىدە ۋاقىت يىتىشمەي قالسا، باشقا نەرسە يىيىشكە ئۈلگۈرمەي، بىۋاستە كالا سۈتى ئىچىپلا ناشتا قىلغانغا ھىساب قىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، كالا سۈتىنى ئايرىم يالغۇز ئىچكەندە، بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈشى تازا ياخشى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئاچ قوساققا كالا سۈتى ئىچكەندە، كالا سۈتىنى ئىنىرگىيەگە ئالماشتۇرۇپ خورىتىۋىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كالا سۈتى ئىچكەن ۋاقىتتا، مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن يىمەكلىكلىرىنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىش كىرەك. بۇنىڭدا، كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىللار، ئەڭ زور دەرىجىدە ئادەم بەدىنى تەرپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.
قېتىق
    قېتىق بولسا بىر خىل ئۇزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئىچىملىكى؛ بىراق ئاچ قوساققا قېتىق ئىچكەندە، ئۇنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىلىق ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولالمايدۇ. شۇڭا، ئادەتتە تاماق يەپ بولۇپ بىر ئىككى سائەتتىن كىيىن ياكى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئاندىن قېتىق ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号