كونا مۇھەببىتىنىڭ كۆزىگە كىرىشىۋالمايدىغان يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5807:قېتىم كورۇلدى
   ئايرىلىپ كىتىش، مۇھەببەتنىڭ ۋە مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقدىن دىرەك بىرىدىغان بولۇپ، ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن بىر-بىرىگە دەخلى قىلماسلىق بولسا، ئەڭ ياخشى نەتىجىدۇر. بىراق، بەزى كىشىلەر بۇ داۋلىنى چۈشەنمەي، ھەمىشە ئايرىلىپ كەتكەن مۇھەببىتىنىڭ كۆزىگە كىرىشىۋالىدۇ؛ ئۇلار بۇنداق قىلغاندا، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قارشى تەرەپنىڭ تېىىمۇ ئۆچلۈكىنى كەلتۈرۋىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 12يۇلتۇز تۈركۈمى ئىچىدىكى ئۈچ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر، ئىلگىرىكى مۇھەببىتىنىڭ داۋاملىق كۆزىگە كىرىشىۋىلىشىنى قەتئى ئۈمىد قىلمايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىمۇ بۇنداق قىلمايدۇ؛ ئەكسىچە، ئۇلار ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ئىلگىرىكى مۇھەببىتىنىڭ دۇنياسىدىن ئۈزۈل-كىسىل چىقىپ كىتىدۇ.
قىز(处女座)يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر
    قىز يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر، ئايرىلىپ ئەپلىشىپ قايتىلىنىپ ئۆتىدىغان مۇھەببەتنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدىغان بولۇپ، ھىسيات دۇنياسىدا ئۇلار باشقىلارنىڭ كۆزىگە كىرىشىۋالمايدۇ؛ مەيلى ياخشى كۆرسۇن ياكى ياخشى كۆرمىسۇن، ئۇلار ئىنتايىن كەسكىن كىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كىتىپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ تاللاشنى ھۆرمەت قىلىپ، قارشى تەرەپنى بۇرۇن قانچىلىك ياخشى كۆرۈپ كىتىشىدىن قەتئىنەزەر، ئايرىلىپ كەتكەن ئاشۇ پەيتتە قارشى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزىدۇ. شۇڭلاشقا، ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن يەنە قارشى تەرەپنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلىش ئويى بولمايدۇ، قارشى تەرەپ بىلەن كونا مۇھەببىتىنى قايتىدىن يالقۇنجىتىشنى تېخىمۇ ئويلاشمايدۇ.
    ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن قايتا ئاۋارە قىلماسلىق، قىز يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرگە قىلىنغان ھۆرمەت، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىگىمۇ قىلىنغان ھۆرمەت ھىسابلىنىدۇ؛ ئەلۋەتتە، سىز ئۇلارنى قايتا ئىزدەشنى ئويلاشقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار سىزگە ئەسلا پىسەنت قىلمايدۇ. چۈنكى، ئىككىڭلارنىڭ ئايرىلىپ كىتىشى، ئوتتۇرلۇقۇڭلاردا قايتا مۇمكىنچىلىك قالمىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىز يۈزى قېلىنلىق قىلىپ يەنە ئۇنى ئاۋارە قىلىۋەرسىڭىز، ئۇ ھەتتا سىزدىن بىزار بولۇپ يىرگىنىپ كىتىشى مۇمكىن.
ئەقرەپ(天蝎座)يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر
   ئەقرەپ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر، ياكى ئايرىلىشقا قوشۇلمايدۇ ياكى ئايرىلىشقا قوشۇلۇپلا قالسا ئۈزۈل كىسىل مۇناسىۋەتنى ئۈزىدۇ. ئەقرەپ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئايرىلىپ كىتىش، ئارىلىقتا ھېچقانداق مۇناسىۋەت ياكى ئالاقە قالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەت قانچىلىك چوڭقۇر بولمىسۇن، ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇلار چوقۇم ناتۇنۇش كىشىلەرگە ئايلىنىپ كىتىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ۋاقىتتا قايتىدىن ئەپلىشىپ قېلىش، ئۆزىڭىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋىلىشلا بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئايرىلىپ كىتىشتىن بۇرۇن، ئەقرەپ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ تۇتۇپ قېلىش خىيالى بار بولىدۇ؛ چۈنكى، ئەقرەپ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن بىرگە بولۇشنى ئەسلا خالىمايدىغان بولۇپ، ئايرىلىپ كىتىش ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ ناچار نەتىجە ھىسابلىنىدۇ.
ھەمەل(白羊)يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر
   مۇھەببەت جەھەتتە، ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر بىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك باغرى قاتتىق بولۇپ، ئۇلار ئايرىلىپ كىتىشىنى تاللىغاندىن كىيىن، قايتا مۇھەببەتلىشىشكە قىلچىلىكمۇ ئىمكانىيەت قالمايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ئەزەلدىن ئايرىلىپ كىتىشنى دەستەك قىلىپ چاقچاق قىلمايدۇ. ئىككەيلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەر قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى يەنە ئاۋارە قىلىشىغا يول قويمايدۇ. قارشى تەرەپ خاتا قىلغانلىقىنى ھىس قىلىپ يالۋۇرغان بىلەنمۇ، ئۇلارنىڭ قايتا ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشەلمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئەگەر قارشى تەرەپ داۋاملىق كۆزىگە كىرىشىۋالسا، ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ قارشى تەرەپ مىنى قەدىرلىمەيدىغان دىگەن قارىشى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号