مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچ قەيەردىن كىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5831:قېتىم كورۇلدى
    تۇرمۇشىمىزدا بەزىبىر ئىشلارغا بولغان ئىشەنچىمىز بار بولىدۇ؛ مەسىلەن، داۋاملىق ھايات كەچۈرۈشتىكى ئىشەنچىمىز، بەلكىم بانكىدىكى ئامانەت قالدۇقىدىن، قانچىلىك ئىقتىدارىمىز بارلىقىدىن ياكى بەلگىلىك بىڭسىمىز ۋە ماھارىتىمىز بار بولىشىدىن ۋە ياكى ئۆزىمىزگە بولغان قەتئى ئىشەنچىمىزدىن كىلىشى مۇمكىن. مۇھەببەتمۇ ئوخشاش بولۇپ، بىزدە ئىشەنچ بار بولۇشى كىرەك بولىدۇ؛ ئۇنداقتا، مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچ قەيەردىن كىلىدۇ؟ بەزىلەر چوقۇم قارشى تەرەپتىن كىلىدۇ، مەسىلەن، قارشى تەرەپنىڭ سىزنى شۇنداق بەك ياخشى كۆرىشى ياكى پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرىشى ۋە ياكى سىزگە مەلىكىلەرگە(شاھزادىلەرگە) ئوخشاش ئامراقلىق كۆرسىتىشىدىن كىلىدۇ دەپ قارايدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، قارشى تەرەپ مەيلى سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرمىسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق بولۇشى مۇمكىن؛ ئاخىرىقى ۋاقىتقا يەتمىگۈچە، قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىنى ھېچكىم ئالدىن بىلەلمەيدۇ.
    ھازىر قارشى تەرەپنىڭ چوڭقۇر سۈيىشىگە ئىرىشكەن ئادەم، بەلكىم مەلۇم بىر كۈنى ئورنى ئالمىشىپ كىتىپ، قارشى تەرەپنى چوڭقۇر سۈيىدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن؛ ياكى، ھازىر سىزنى چوڭقۇر سۆيگەن ئادەم مەلۇم بىر كۈنى باشقا بىرسىنى چوڭقۇر سۆيگىلى كىتىپ قېلىشى مۇمكىن. ھازىر سىزگە ئامراقلىق قىلغان ئادەم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە روھى جەھەتتىن چارچاپ كىتىپ، ئۆزىگە ئامراقلىق قىلىشى ياكى بېرىپ باشقىلارغا ئامراقلىق قىلىشى مۇمكىن.
    قىسقىسى، سىز ئەگەر مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچنى قارشى تەرەپكە باغلىماقچى بولسىڭىز، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدۇ. بىر بۆلەك ھىسياتنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى، سىزنى چوڭقۇر سۆيىدىغان ئاشۇ كىشىنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئۆزگىرىپ كىتىدىغانلىقىنى، بىز مەڭگۈ بىلەلمەيمىز.
    بىز بۇ خىل ئۆزگىرىشلەردىن قورقۇپ قالماي، يۈز بىرىشى مۇمكىن بولغان ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلساق، ئۇنداقتا بىز  مۇھەببەت جەريانىدا تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈپ، تېخىمۇ ئەركىن-ئازادە بولالىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، سىز ياخشى كۆرەلەيدىغان ۋاقىتتا پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ياخشى كۆرەلەيسىز، ياخشى كۆرۈشكە ئىرىشەلەيدىغان ۋاقىتتا، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ياخشى كۆرۈلۈشتىن ھۇزۇرلىنالايسىز؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەلۇم بىر كۈنى بۇلارنىڭ شىرىن چۈشتەك توزۇپ كىتىشىدىن قورقۇپ قالمايسىز.
     سىزنىڭ ئەنسىرمەسلىكىڭىز، ئىشەنچىڭىزدىن كىلىدۇ. سىزنىڭ ئىشەنچىڭىز بولسا، بىرەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقمايسىز ۋە ياكى ياخشى كۆرۈش ۋە ياخشى كۆرۈلۈشتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ قالمايسىز.
    ئەلۋەتتە، پۈتۈنلەي قورقمايمەن دىيىشمۇ يالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھەممىمىزنىڭ يۈرىكى گۆشتىن ياسالغان؛ شۇڭلاشقا ئايرىلىپ قالغان ۋاقىتتا كۆزىمىز قىيماي يۈرۈكىمىز ئاغرىشتىن ساقلىنالمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز ئالدىنئالا ئۆزىڭىزنىڭ بۇ خىل ئىشەنچىسىنى مەشىقلەندۈرۈپ چېنىقتۇرۇشىڭىز كىرەك. بۇنىڭدا، ئايرىلىپ قالغان ۋاقىتتا، ھېچبولمىغاندا تەمكىنرەك ۋە قەيسەررەك كۆرىنىسىز.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقماسلىقنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان شەرتلىرى بار بولۇپ، كۈچلۈك كەلگەن پىسخىكىغا ۋە يىتەرلىك بولغان ئاساسقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ: ھەرقانداق ئادەمدىن ئايرىلىپ قالسىڭىزمۇ، سىز يەنىلا ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان پىسخىكا ۋە ھالەت؛ ياكى بىر خىل ھەرقانداق مۇھەببىتىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىزمۇ، ھاياتىڭىزنى ئوخشاشلا شانلىق نوقتىلارغا تولدۇرۇپ ياشىيالايدىغان ئىقتىدارىڭىز بار بولۇش. بۇنداق ئىشەنچىڭىز بار بولغاندىلا، سىز ئاندىن مۇھەببەتتە، قورقماي ياخشى كۆرەلەيسىز ھەمدە ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ ئەندىشە قىلىپ كەتمەيسىز.
    بۇلاردىن  كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچنى باشقىلار سىزگە بەرمەيدۇ؛ چۈنكى، قارشى تەرەپ ھازىر سىزگە بەرگىنىنى، كەلگۈسىدە ھەممىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كىتىشى مۇمكىن.
    بىراق، قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئىشەنچكە تايىنىشقا بولمايدۇ، ئەگەر قارشى تەرەپ  مۇھەببىتى ۋە ئامراقلىقىنى قايتۇرۋىلىپ قالسا، سىزنىڭ شۇ ھامانلا يېلىڭىز چىقىپ، نىمە قىلىشىڭىزنى بىلەلمەي قالىسىز.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى، مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچنى باشقىلارغا باغلاپ قويماڭ؛ مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى مۇھەببەتتە بولسۇن، ئەڭ خاتىرجەم ھالدا ئىشىنىشكە بولىدىغىنى، پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىڭىزدۇر.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号