ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسى قۇرۇق؟ ئۇنداقتا بالا نەگە كەتتى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6014:قېتىم كورۇلدى
    نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى يۇۋ خانىم قوسىقى بىئارام بولغانلىق سەۋەبىدىن، ياڭجۇ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈش قىلدۇرغان؛ بىراق ئويلىمىغان يەردىن، دوختۇرلار يۇۋ خانىمنىڭ جىگەر قىسمىدا بۆرتۈپ چىققان بىر قاپ بايقىغان بولۇپ، بۇ قاپسىمان جىسىم ئەسلىدە بىر تۆرەلمە ئىكەن.
     دوختۇرنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، يۇۋ خانىم بۇيىل 29ياشقا كىرگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇنىڭدا ھامىلدار بولغانلىق ئالامەتلىرى بايقالغان، ئەمما ئۇنىڭ بالىياتقۇسىدا ھامىلدارلىق خالتىسى بايقالمىغان.
    بۇ ۋاقىتتا دوختۇرلار، يۇۋ خانىمنى بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمانلانغان؛ ئەمما CT تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، تۆرەلمە جىگەرگە بېرىپ قالغان. بۇ ئەھۋال، ئىنتايىن ئاز كۆرىلىدىغان بىر خىل بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش بولۇپ، ئاسانلا چوڭ قان كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانا-بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كىلىدىكەن.
     شۇ كۈنى، دوختۇرلار ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، يۇۋ خانىمنىڭ قوسىقىدىكى بۇ خەتەرلىك "قاپنى" ئېلىۋەتكەن.
     بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش كىچىك ئىش ئەمەس، ھەرقانداق بىر ھامىلدار بولۇش ئىھتىياجى بار ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار. ئەگەر بالىياتقۇ سىرتىدىكى ھامىيلە بۇزۇلۇپ يىرتىلىپ كەتسە، ئانىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، چوقۇم ۋاقتى-ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش قىلدۇرۇپ تۇرىشى كىرەك.
     بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بولغان ئالامەتلەر:
    ھەيىز توختاش: كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللاردا ھەيىز توختايدۇ، ئەمما ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئاياللاردا دەسلەپ ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، جىنسى يولدا قاناش كۆرىلىدىغان بولۇپ، بىمار بۇنى ھەيىز كەلدى دەپ قاراپ، ھامىلدارلىقتىن بىشارەت بىرىدىغان ھەيىز توختاش كۆرۈلمىدى دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
    جىنسى يولدىن قانۇنىيەتسىز ھالدا قان چىقىش كۆرۈلۈش: ئادەتتە ئاز مىقداردا تامچە قان ئاقىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ؛ ئاز بىر قىسىم بىمارلاردا ھەيىز كۆرگەنگە ئوخشاش كۆپرەك مىقداردا قان ئېقىش كۆرىلىدۇ.
   قوساق ئاغرىش: ھۇشىدىن كىتىش ۋە شوك ھالىتىگە كىرىپ قېلىش: بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولغاندىكى ھامىلدارلىق خالتىسى يىرتىلغاندىن كىيىن،بىماردا جىددى خارەكتىرلىك قان كىتىش كۆرۈلۈپ، قوسىقى قاتتىق ئاغرىيدۇ ھەمدە باش قېيىش، چىرايى  ئاقىرىپ كىتىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كىتىش، ھەتتا شوك ھالىتىگە كىرىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ.
    يۇقارقى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈڭ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号