ئەنگىلىيەلىك بىر ئايال 20سائەتلىك ئوپراتسىيە جەريانىدا، جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئاشقازان ۋە ئۈچەي قاتارلىق ئەزالارنى كۆچۈرۈپ ئالماشتۇرغۇزغاندىن كىيىن، قەيسەرلىك بىلەن ھايات قېلىپ، تىبابەت ساھەسىدە يەنە بىر مۆجىزە ياراتتى.
بۇ يىل 47ياشقا كىرگەن جوئانى. ئادام، بىر خىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرۇش جەريانىدا، جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئۆتىنى پۈتۈنلەي ئالدۇرۋەتكەن. ھازىر ئۇ پۈتۈنلەي ساقىيىپ، ئەسلى پىلاندىن بىر ئاي بۇرۇن ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغان.
تۆت يىل ئىلگىرى، جوئانا ئېغىر ئاشقازان كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان؛ دوختۇرلار ئۇنىڭ كىسەللىكىگە دىئاگونوز قويۇش جەريانىدا، ئۇنىڭ جىگىرىدە ئىنتايىن ئاز كۆرىلىدىغان بىر خىل ئۆسمە بارلىقىنى بايقىغان. 2016-يىلى، ئۇنىڭغا رەسمى تۈردە "نىرۋا ئۆسمىسى" دەپ دىئاگونوز قويۇلغان بولۇپ، جوئانا پۈتكۈل ئەنگىلىيە تەۋەسىدىكى، بۇ خىل كىسەللىككە گىرىپتار بولغان بىردىنبىر بىمار ئىدى. دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل كىسەللىكنى داۋالاشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى بولسا، تەسىرگە ئۇچرىغان ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى ئېلىپ بېرىش ئىكەن.
بۇنداق ئەھۋالدا، ئەنگىلىيە كىمبىرىچ داشۆسىنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلىش كوللىكتىۋىدىكى دوختۇرلار، جوئانا تۇرغان شەھەرگە يىتىپ كىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوپراتسىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلغان. كەينىدىن، جوئانى كىمبىرىچ داشۆسىگە يىتىپ كىلىپ، قان تەكشۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بارغان ھەمدە 8ئاي ساقلىغاندىن كىيىن، جوئانا ئىھتىياجلىق بولغان ئىچكى ئەزالارنى تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تۇلۇقلانغان.
جوئانانىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى بىر قېتىمدا ھەممىنى كۆچۈرۈپ تۈگىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوپراتسىيە ساق 20سائەت داۋاملاشقان. بۇندىن باشقا، ئۇ ئوپراتسىيە داۋامىدا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىغان؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىق مىڭىگە سۇ چۈشۈش بولۇپ، جوئانا ئەزا كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپ ئىككى كۈندىن كىيىن مىڭە ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان. بىراق، تەلەيگە يارىشا، كىسەللىك بىلەن توختىماي كۈرەش قىلغان بۇ قەيسەر ئايال، ئاخىرى ھايات قالغان ھەمدە ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ 12ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن سەللىمازا ساقىيىپ، ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغان.