تەرخەمەكتە سۇغۇق سەي تەييارلاشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 44081:ئادەم ئۆگەندى
    تەرخەمەك، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان بىر خىل ئىشتىھانى ئاچىدىغان كۆكتات بولۇپ، تەمى ئۆزگىچە، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول. تەرخەمەك تەركىبىدە ۋىيتامىن Eمول بولۇپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. تەرخەمەك تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى بولسا، ئۈچەي يوللىرىنىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى تىزلىتىدۇ ھەمدە خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرخەمەك تەركىبىدىكى ئىنىرگىيە مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىمۇ يامان ئەمەس بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى بىمارلارغا نىسبەتەن كۆڭۈلدىكىدەك يىمەكلىك دورىسى ھىسابلىنىدۇ.
    تەرخەمەكنى ئادەتتە پاكىزە يۇۋەتكەندىن كىيىن بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا، سۇغۇق سەي، قورۇما قورۇپ ياكى قاينىتىپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. تەرخەمەكنى بىۋاستە ئىستىمال قىلغاندا، ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈپ ئۇتۇقلىتىشقا پايدىلىق بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا تەرخەمەكنىڭ شەربىتىنى يۈز تىرىمىزگە سۈرۈپ بەرسەك، تىرىنى قۇۋۋەتلەپ، داغ ۋە قورۇقچىلارنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
    بىز ئادەتتە تەرخەمەكتىن سۇغۇق سەي تەييارلىغاندا، ئۇنى بىۋاستە توغرىغاندىن كىيىن خۇرۇچ ماتىرياللىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلايمىز. بۇ ئۇسۇلدا، بەزىدە تەرخەمەككە تەم كىرمىگەنلىكىنى بايقايمىز. ئەمىلىيەتتە، ئۇنى بىۋاستە خۇرۇچ ماتىرياللىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇش خاتا؛ ئالدى بىلەن تەرخەمەكنى تۇزلاش كىرەك، بۇنىڭدا تۇز تەرخەمەككە سىڭىپ كىرىپ، تەرخەمەك تېخىمۇ چۈرۈك ھەم تەملىك بولىدۇ. تۆۋەندە، تەرخەمەكتىن سۇغۇق سەي ئارىلاشتۇرۇش كونكىرتنى ئۇسۇلنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
    ماتىريال: تەرخەمەك، قېرىنقولاق، زەنجىۋىل، سامساق، تۇز، ئاچچىقسۇ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى
كونكىرتنى تەييارلاش ئۇسۇلى
    1. تەرخەمەكنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، ئۇنى تاختىغا قويۇپ چەيدو بىلەن ئۇرۇپ ئىزىۋەتكەندىن كىيىن توغراپ بىر قاچىغا ئالىمىز. قېرىنقولاقنى سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندىن كىيىن، قازانغا ئازراق سۇ قۇيۇپ قاينىتپ، قېرىنقولاقنى بىر قاينىتىۋالىمىز؛ قېرىنقولاقنى قاينىتىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ قولىمىزدا تىتىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز؛ سامساق بىلەن زەنجىۋىلنى چاناپ توغراپ تەييارلايمىز.
   2. تەرخەمەكنى ئارىلاشتۇرۇشقا ئالدىرماي، ئالدى بىلەن ئۇنى تۇز سۈيىگە 10مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويغاندىن كىيىن سۈيىنى تۆكىۋىتىپ، سامساق ۋە زەنجىۋىل چانالمىسى، قېرىنقولاقنى قوشىمىز؛ كەينىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز ۋە كۈنجۈت مېيى قوشۇپ ئارلاشتۇرغاندىن كىيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号