ئىرى ئايالى ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك ئون تۈرلۈك ئىش
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5813:قېتىم كورۇلدى
    ئەر يولداشلار، سىلەرنىڭ شۇ بىرلا ئايالىڭلار بار، ئۇلارنى سىلەر ئەتىۋارلىماي كىم ئەتىۋارلىسۇن؟ مەنمۇ سىلەرگە مۇشۇنچىلىك ياردەم قىلالايمەن، ياخشى بىر ئەر دادا بولۇشقا تىرىشىڭلار!
مائاش كارتىسىنى ئايالىغا تاپشۇرۇش
    مائاش كارتىسىنى ئايالىغا تاپشۇرۇپ بىرىش، ئايالىغا ساداقەتمەنلىكىنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.
قەرەللىك ھالدا ئايالىنى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىش
    بارىدىغان جاينى ئايالىڭىز قارار قىلسۇن، ئىجرا قىلىش سىزدىن بولسۇن؛ ئايالىڭىز پەقەت چىرايلىق ياسىنىپ مېڭىشقىلا مەسئۇل بولسۇن، قالغان ئىشلارنى سىز ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئېلىڭ!
ئاممىۋى سورۇنلاردا ئايالىنى ماختاش
    ئاممىۋى سورۇنلاردا ئايالىڭىزنى ماختىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ يۈزۈڭىزنى چۈشۈرۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە سىز ئۈچۈن مۆتىۋەرلىك ئوبرازى تىكلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىڭىز بۇنىڭدىن قاتتىق خۇشال بولسا، سىزگە تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كىتىدۇ.
ئايالىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرى قىلىشىپ بىرىش
    دۇنيادىكى ئەڭ قاملاشقان ئەر كىشى، ئۆي ئىشى قىلىشنى خالايدىغان ئەر كىشىدۇر. ئۆينى ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن تەڭ تۇتىدۇ، شۇڭا ئەر كىشىمۇ بىر قىسىم ئۆي ئىشلىرىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشى كىرەك.
ناگاندا بىر ئايالىغا ئەتىرگۈل ياكى شاكىلات سوۋغا قىلىش
   تۇرمۇش بەزى-بەزىدە تەڭشەپ تۇرۇشقا مۇھتاج، ئەر-خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەت تېخىمۇ ھەم شۇنداق. ئايالىڭىز، سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدىغان ئادەم؛ ئۇنىڭغا دائىم بەزىبىر ھەيران قالارلىق خۇشاللىقلارنى بىرىپ تۇرسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ يىتەرلىك بولىدۇ.
ئايالىغا كۆڭلىنى ئىپادىلەپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇش
    نۇرغۇن ئەرلەر، كونا ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ قالغاندا كۆڭۈل ئىزھار قىلىمەن دەپ نىمە كەپتۇ، ئادەم خىجىللىق ھىس قىلىپ قالىدىكەن، شۇڭا كۆڭلىمىزدە بىلسەكلا بولدى دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ھەربىر ئايال كىشى مەيلى يېشى قانچىلىك چوڭ بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە مەڭگۈ بىر مەلىكە بار، شۇڭا ئۇلار ھامان رومانتىكىلىققا، ۋە سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۆزىدىن باشقا ئادەم بولماسلىققا ئىھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى دائىم بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ، ئۇنىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈسى تېخىمۇ چوڭقۇرلايدۇ.
جىدەللىشىپ قالسا، ئىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەپۇ سوراش
    ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ 70پىرسەنتى كەيپىيات، 30پىرسەنتى ئاندىن مەزمۇن؛ ئەگەر پىكىرلەشكەن ۋاقىتتىكى كەيپىيات توغرا بولمىسا، ئۇنداقتا مەزمۇن بۇرمىلىنىپ كىتىدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەپۇ سوراش، سىزنىڭ چوقۇم خاتالاشقانلىقىڭىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، بەلكى سىزنىڭ كەڭ قوساقلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
قېيىنئانا-كىلىن ئوتتۇرسىدا زىددىيەت كۆرۈلگەندە چوقۇم ئايالىغا يان بېسىش
    قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتى، توي قىلغان ئەرلەر ئەڭ قورقىدىغان ھەم بىتەرەپ قىلمىقى ئەڭ تەس بولغان زىددىيەت. قېيىنئانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدا زىددىيەت كۆرۈلگەندە، ئاۋال ئايالىڭىزغا يان بېسىپ ئۆزىڭىزنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىگەندىن كىيىن، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئاستا-ئاستا پىكىرلىشىپ زىددىيەتنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنسىڭىز، بەلكىم ئويلىمىغان نەتىجىگە ئىرىشىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، كۆپ قىسىم ئاياللار داۋلى چۈشەنمەيدۇ ئەمەس؛ سىز ئۆز مەيدانىڭىزنى ئىپادىلىگەندىن كىيىن، ئۇلار ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ يول قويۇپ، زىددىيەتنى پەسەيتىشكە تىرىشىدۇ.
ئايالىنىڭ مىجەزى بولمىسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش
   ئەر يولداشلار شۇنى بىلىپ يىتىشى كىرەككى، ھەممە مەسىلىلەردە قايناقسۇ ئىچسىلا ئەھۋال ياخشىلىنىدىغان ئەمەس. ئايالىڭىزنىڭ مىجەزى ياخشى بولالماي قالغاندا، ئۇلارنىڭ كۈتىدىغىنى سىزنىڭ بىر ئېغىز تەسەللىرىڭىزلا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئەمىلى ھەرىكىتىڭىز.
دوستلار چەمبىرىكىگە ئايالى بىلەن بالسىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىش
    دوستلار چەمبىرىكىدە ھەمىشە ئايالىڭىز بىلەن بالىڭىزنىڭ سۈرەتلىرىنى چىقارسىڭىز، بۇنىڭدا خەلقى ئالەمگە ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ بولغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىگە مەسئۇلىيەتچان ئوبرازىڭىزنى تىكلىيەلەيسىز؛ ئايالىڭىزنىڭ بەخىت تۇيغۇسىمۇ تېخىمۇ ئاشىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، ئاياللارنىڭ ئىرىگە بولغان تەلىۋىمۇ يۇقىرى ئەمەس، ئۇلار سىزنىڭ ناھايىتى كۆپ پۇل تېپىشىڭىزنى ياكى كۈندە ئۇنىڭغا نازۇ-نىمەتلەرنى يىگۈزۈپ ئىسىل كىيىم-كىچەكلەرنى ئېلىپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى پەقەت چىن كۆڭۈلدىن بولغان ھەمراھلىقتۇر.
    ئۆزىڭىزنىڭ ئەمىلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئايالىڭىزغا كۆڭلىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇننى ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭغا قالدۇرغىنىڭىزنى ئېيتىڭ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号