بىر يۈز ئاتمىش جىڭ كىلىدىغان چوڭ نومۇرلۇق كىيىملەر مودىلى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5817:قېتىم كورۇلدى
    بەلكىم ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ قالغان بولسا كىرەك، سېمىز كىشىلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ بارماقتا. جاھان خەلقىنىڭ نەزىرىدە، سېمىزلىك كۆرۈمسىزلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بەزىلەر سېمىزلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ئىچ مىجەز بولۇپ قالىدۇ. بىراق ئامىرىكىدا، كىشىلەرنىڭ بەدەن شەكلى ئومۇميۈزلۈك تولغان كىلىدىغان بولغاچقا، چوڭ نۇمۇرلۇق كىيىم مودىلى دىگەن بۇ كەسپ بارلىققا كەلگەن.
    ئامىرىكىلىق ئاشىلىي، بۇ خىل چوڭ نومۇرلۇق كىيىم مودىللىرىنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭ كەلگەن مۈرىلىرى، 173سانتىمىتىرلىق بوي ئېگىزلىكى، ئۇنىڭ ئۆلچەملىك بەدەن شەكلىدىكى مودىللاردىن بولالماسلىقىنى بەلگىلىگەن؛ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىمۇ بەك يىنىكمۇ ئەمەس. ئەمىلىيەتتە، ئاشىلىي كىچىكىدىن باشلاپلا سېمىز بولۇپ، بۇرۇندىن باشلاپ يىمەكلىككە ئامراق؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇرۇقلاش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ ئازاپلىق ئىشلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىمۇ تۈز سىزىق بويىچە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىلگىرى بىر مەزگىل 160جىڭغا يىتىپ قالغان. بۇ ئەھۋال ئۇنى ناھايىتى بىئارام قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ روھى بەلگىلىك دەرىجىدە چۈشكىنلىشىپ كەتكەن. ئەمما ئۇ چوڭ نۇمۇرلۇق كىيىم مودىلى خىزمىتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، ئۇ ئۆزىنى قايتا تۇنۇپ، پاسسىپ كەيپىياتتىن تەدرىجى قۇتۇلۇپ چىقتى.
    چوڭ نومۇرلۇق كىيىم مودىلىنىڭ ئۆلچىمى ۋە قويىلىدىغان تەلەپ نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، چوقۇم كىيىمنىڭ يارىشىملىق ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرەلىشى كىرەك، يول بويىدىكى يايمىدىن سېتىۋالغان كىيىمدەك كۆرسىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، سېمىزرەك كەلگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسىلا چوڭ نومۇرلۇق كىيىم مودىلى بولالايدىغان ئەمەس. لىكىن، ئاشىلىينىڭ بەدەن شەكلى نىسبەتەن تەكشى بولۇپ، بەدەن ئەگرى سىزىقلىرى كۈرۈنەرلىك، قاتلىنىپ قالغان ئارتۇق گۆشلەر كۆپ ئەمەس؛ شۇڭا ئۇ، چوڭ نومۇرلۇق كىيىم مودىللىرىنىڭ ئۆلچىمىگە تەبىئىلا ماس كەلگەن.
    ئۇ تۇرمۇش جەھەتتە، ھەرىكەتلىنىشنى قەتئى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەممۇ ئەمەس؛ ئۇ ئادەتتە ئەرمەك ئىت يىتىلەپ سەيلە قىلغاندىن باشقا، بەزىبىر ئاددى بولغان چېنىقىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەيدۇ. چۈنكى ئۇ داۋاملىق سەمىرىپ كىتىشىدىن ئەنسىرگەچكە، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ ھازىرقى بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغان.
   ھازىر، ئاشىلىينىڭ ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىدىن ئەسەرمۇ يوق! ئۇ ئۈمىدۋار ھەم ئۇچۇق مىجەز بۇلۇپ ئۆزگەرگەن، بەدەن ئېغىرلىقىنىمۇ مۇۋاپىق بىر دائىردە ساقلاپ قالغان. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بىز پەقەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالىساقلا، گۈزەللىك يولىدا چوقۇم تېخىمۇ يېراقلارغا يىتىپ بارالايمىز.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号