بالىسىنى باقالمىغان زەھەرخەندە ئايال ئۇنى كۆۋرۈكتىن تاشلىۋەتتى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5817:قېتىم كورۇلدى

   ئۈستىدىكى سۈرەتتىكى بۇ بالىنىڭ ئىسمى پافرىك بولۇپ، بەخىتسىز ئەمما تەلەيلىك بولغان ئوكرائىنالىق ئوغۇل بالا. بەخىتسىز بولغىنى، ئۇنىڭ ئۆز ئانىسى، ئۇنى بېقىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى 25مىتىر ئىگىزلىكتىكى كۆۋرۈكتىن سۇغا تاشلىۋەتكەن. تەلەيلىك كەلگىنى بولسا، ئۇ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قۇتۇلدۇرىشىغا ئىرىشكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ قەيسەر ھاياتلىق كۈچىگە تايىنىپ ئۆلۈم ئېغىزىدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى ئىدى.
    ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، 42ياشلىق ئانا يىلىيەننا بىر قولىدا  ئەمدى 9ئايلىق بولغان پافرىكنى، يەنە بىر قولىدا بولسا ھاراق بولكىسىنى كۆتۈرۈپ غەرق مەس ھالىتىدە ئىدى. ئۇ نىگلايىف شىتاتىدىكى 25مىتىر ئېگىزلىكتىكى ئىنخۇل كۆۋرىكىگە كەلگەن ۋاقىتتا، قولىدىكى بوۋاقنى كۆۋرۈكتىن پەسكە قارىتىپ تاشلىدى.
     كىچىك پافرىك گەرچە قىشلىك چاپان كىيىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما سۇغۇقى سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سۈيى ئۇنىڭغا ئەجەللىك خەۋپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى، سۇدا تۇنجۇقۇش ئىھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى ئىدى. كەينىدىنلا ئانىسى يىلىيەننانىڭ ئازراق ئىچى ئاغرىغان چېغى، دەرھال "قۇتقۇزۇڭلار" دەپ ياردەمگە ئادەم چاقىرغان. بەخىتكە يارىشا يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كىشىلەر بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن، بەزىلەر تېلفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان، يەنە بەزىلەر بالىنى قۇتقۇزۇشقا ئامال ئىزدەشكە كىرىشكەن.
    ئاندىرى.بىلوس بولسا يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىر ساقچى بولۇپ، ئۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن، بىرىنچى بولۇپ دەريا بويىغا قاراپ يۈگۈرگەن. قول چىراقنىڭ يۇرۇقىدا، ئۇ ناھايىتى تىزلا پافرىكنىڭ ئورنىنى بايقىغان. ئەينى ۋاقىتتا پافرىك قىرغاقتىن 30مىتىر يېراقلىقتا بولۇپ، يۈزى پەسكە قارىغان ھالەتتە ئىدى. بۇ ھالەتنى كۆرگەن ئاندىرى يەنە كەينىگە سوزسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، دەرياغا چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان. بۇ ۋاقىتتا، دەريادا يەنە بىر ماتورلۇق قېيىق پەيدا بولۇپ، بىر نەچچە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر، بالىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەملەشكىلى كەلگەن.
    ئاندىرىنىڭ قول چىرىقىنىڭ نۇر چۈشۈرۈپ كۆرسىتىپ بىرىش ئاستىدا، موتورلۇق قېيىقتىكى كىشىلەر ناھايىتى تىزلا پافرىكنى ئىزدەپ تاپقان ھەمدە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېيىققا ئېلىپ چىققان. بۇ ۋاقىتتا بىچارە بالا ھوشىدىن كىتىپ شوك ھالىتىگە كىرىپ قالغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. دوختۇرخانىغا يىتىپ بارغاندىن كىيىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ، پافرىكنىڭ يۈرەك ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە ئەكەلتۈرگەن؛ شۇنداق قىلىپ، بەخىتسىز بۇ بالا مۆجىز يارىتىپ ھايات قالغان.
    بىر ھەپتىلىك داۋالاش ئارقىلىق، پافرىك ئاساسەن خەتەردىن قۇتۇلغان. ئۈستىدىكى رەسىمدىكى بۇ ئايال، پافرىكنىڭ ئانىسى يىلىيەننا؛ ئۇ شۇندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئۆزىنىڭ زەھەرخەندە قىلمىشىنى تۇلۇق تاپشۇرغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئىرى تۈرمىگە كىرىپ قالغان بولغاچقا، ئۇ ئۆزى يالغۇز بالىسىنى بېقىپ بولالماي، بالىسىنى دەرياغا تاشلىۋىتىش خىيالىغا كەلگەن؛ ئەمما بالىسىنى دەرياغا تاشلىغان پەيتتە ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان.
    تەكشۈرۈشلەردە بايقىلىشىچە، يىلىيەننا ھەمىشە بالىسىنىڭ پاراۋانلىق پۇلىغا ھاراق ئىچىپ، تۇرمۇش بېسىمىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن؛ شۇڭا، ئۇنى ئوغلىنى باقتى دىگەندىن كۆرە، ئوغلىنىڭ پاراۋانلىق پۇلى ئۇنى باققان دىيىش تېخىمۇ توغرا بولىدىكەن. ئاخىرىدا، بۇ ۋەقە يۈز بىرىپ بىر يىل ئۆتكەندىن كىيىن، سوت مەھكىمىسى يىلىيەنناغا 10يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ۋە بالىسىنىڭ ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئۆمۈرلۈك ئېلىپ تاشلىغان. پافرىكنى بولسا، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا ئۇنىڭ ھالىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئالغان ھاممىسىنىڭ بېقىۋىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号