ھازىر ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدىغان ئۇرۇقلىتىش دورىسى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 45683:قېتىم كورۇلدى
    تۆتىنچى ئاي كىرىپ قالغان ھازىرقى مەزگىلدە، كۆكتاتلارنىڭ تۈرىمۇ كۆپىيىدىغان بولۇپ، يىشىل كۆكتاتلار قىش پەسلىگە قارىغاندا كۆپ ئەرزانلايدۇ؛ بىراق گوللاندىيە پۇرچىقىنىڭ باھاسىدا، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە كۆپ ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، گوللاندىيە پۇرچىقى، ئۆزى تەملىك بولۇپلا قالماي، پايدىلىق تەرەپلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس.
    ئەتىياز كۈنلىرى، ھاۋا نىسبەتەن قۇرغاق كىلىدۇ؛ شۇڭا بۇ مەزگىلدە يىشىل كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك. بۇنىڭدا، ئاشقازان-ئۈچەيگە ئاراملىق يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە تېخى بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ھەيدەيدۇ. گوللاندىيە پۇرچىقىنىڭ تەمى ئۆزگىچە، تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ھەر خىل ئۇسۇللاردا ھەر خىل ماسلاشتۇرۇپ قورۇما تەييارلاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گوللاندىيە پۇرچىقىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ تۆۋەن ئەمەس. بەزىبىر ئۇرۇقلاشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر، ھەمىشە گوللاندىيە پۇرچىقىنى ئۇرۇقلاش يىمەكلىكى قىلىۋالىدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، گوللاندىيە پۇرچىقىنىڭ ئۆزىدىلا ئايرىم قورۇما قورۇش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
    ئالدى بىلەن، گوللاندىيە پۇرچىقى، تۇز، سامساق، زەيتۇن مېيى، توخۇ تەم جەۋھىرى قاتارلىقلارنى تەييار قىلغاندىن كىيىن، گوللاندىيە پۇرچىقىنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى بېغىچىنى ئۈزىۋەتكەندىن كىيىن پاكىز يۇيۇپ تەييارلاپ قويىمىز؛ سامساقنىمۇ ئاقلاپ يۇيغاندىن كىيىن، چاناپ تەييارلايمىز.
    قازاننى ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ ماي قىزىغاندىن كىيىن، چاناپ تەييارلىغان سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن گوللاندىيە پۇرچىقىنى قازانغا سېلىپ، توختىماي ئارىلاشتۇرۇپ ئىككى مىنۇت قورۇيمىز؛ ئاخىرىدا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە توخۇ تەم جەۋھىرى قوشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ تەم كىرگۈزگەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
    گوللاندىيە پۇرچىقىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار ئىنتايىن مول بولۇپ، كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخى بەدەن مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ قەۋزىيەتنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. بۇندىن باشقا يەنە، گوللاندىيە پۇرچىقى كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈدىغان بولۇپ، سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىرىنى ئاسراپ قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە بەدەندىكى ياغ تەركىبلىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۇرۇقلىتىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号