ئەرلەر ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، نىمە ئۈچۈن پىشىپ يىتىلگەن ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكىلەردە بولسۇن.
ھەممەيلەن قىزلار ئۆزىدىن چوڭ تاغىسىدەك ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ دىيىشىدۇ، ئەمما چوڭ تاغىلارنىڭ كىچىك قىزلارنى ياخشى كۆرىشى ناتايىن. چۈنكى، قىزلارنىڭ پىسخىكىسى ئەرلەرگە قارىغاندا ئومۇميۈزۈلۈك ھالدا بالدۇر پىشىپ يىتىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئۆزىدىن بەكرەك پىشىپ يىتىلگەن ئەر كىشىدىن بىرنى تېپىپ، ئۆزىنى ئۇلارنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا تاپشۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ئەرلەر بولسا، بەلكىم چىرايلىق ھەم ياش كەلگەن ئاياللارنى ياخشى كۆرىشى مۇمكىن؛ بىراق بۇمۇ پەقەت بىر مەزگىللىك يىڭىلىق تۇيغۇسى ئۈچۈن بولۇپ، ئۇلار ھەقىقى تۈردە ياخشى كۆرىدىغىنى پىشىپ يىتىلگەن چىرايلىق ئاياللاردۇر. سىز بۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

پىشىپ يىتىلگەن ئاياللار ساختىلىق قىلماي ئۆزى بولۇشنى بىلىدۇ، ئۆزى ئويلىغان ئۇسۇلدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
پىشىپ يىتىلگەن ئاياللار ھەدىسىلا ئەركىشىگە تايىنىۋالمايدۇ، بىر-بىرىگە بەلگىلىك دەرىجىدە ئەركىنلىك بىرىدۇ؛ بۇ دەل ئەرلەر ياخشى كۆرىدىغان ئالاھىدىلىك بلۇپ، ئۇلار ئايال كىشىنىڭ ئۆزىگە بەك چاپلىشىۋالماسلىقىنى، ھەم جەلپ قىلارلىق تەرەپلىرى بار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. پىشىپ يىتىلگەن ئاياللار تېخىمۇ كۆڭلى ئۇچۇق كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ چىرايىغا تايىنىپ ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەر كىشىنى ياخشى كۆرۈشتىن ئاۋال ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش كىرەكلىكىنىئوبداق بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار باشقىلارنىڭ نەزىرى بويىچە ياشىماي، ئۆز تۇرمۇشىنى قىزغىن سۈيۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىدۇ ھەمدە تىرىشىپ ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۆزى ئويلىغان ئۇسۇل بويىچە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ھەرگىز ئەركىشىنى دەپ ئۆز ئىگىلىكىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ھەرقانداق ئىشتا كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ، تېخىمۇ خۇشال ئۆتۈشكە تىرىشسىڭىز، ئەر كىشى سىزدىن تارقىلىپ چىققان ئىشەنچ ۋە لاتاپەتنى كۆرۈپ يىتەلەيدۇ.

پىشىپ يىتىلگەن ئاياللار كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئىنچىكە ھىساب قىلىپ يۈرمەيدۇ
ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئەمىلىيەتتە يىتەرلىك دەرىجىدە پىشىپ يىتىلگەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئايال كىشىنىڭ كىچىك قىزلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالماسلىقىنى، كىچىك ئىشلاردىمۇ ئىنچىكە ھىساب قىلىپ تالىشىدىغان بولۇپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى، بۇندا بولغاندا ئاسانلا تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يىتىدۇ. پىشىپ يىتىلگەن ئاياللار ئەركىشىنىڭ كۈيۈمچان ئەمەسلىكىدىن ھەمدە تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قېلىشلىرىدىن زىيادە قاقشاپ ئاغرىنىپ يۈرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى ناھايىتى ئۇچۇق بولۇپ، خەجلەشكە تىگىشلىك بولغاندا خەجلەيدۇ، سېتىۋالغۇسى كەلگەننى سېتىۋالىدۇ، كىچىك بىر ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى ھازازۇل ئايالغا ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ. ئاياللار ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە يەتكەندە، ئۇلارمۇ ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خوش قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك بولۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ تۇرغان ۋاقىتتىلا، ئاندىن تۇرمۇشنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرىدىن قورقۇپ قالمايدۇ.

پىشىپ يىتىلگەن ئاياللار ئەرلەرگە تايىنىپ ياشىمايدۇ
"مەن ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئۆي تۇتسام، ئىرىم پۇل تېپىپ بىزنى بېقىشقا مەسئۇل بولسا، ئىرىم مىنىڭ تارتقان مۇشەققىتىم ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىمنى توغرا چۈشىنىدۇ". ئاياللار ھەرگىز بۇنداق ئويدا بولماسلىقى كىرەك؛ چۈنكى، ئەركىشى ئەكسىچە، مەن سىرتتا ئىشلەپ ھېرىپ ئۆلەي دەپ قالىمەن، سىزنى بولسا ئۆيدە خاتىرجەم يېتىپ ئارام ئالىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەركىشىنىڭ بېقىشىغا تايىنىپ بىر ئۆمۈر ئۆتمەكچى بولغان ئايال كىشىنىڭ ئىدىيىسى پىشىپ يىتىلمىگەن بولىدۇ. ھەقىقى تۈردە پىشىپ يىتىلگەن ئايال كىشى، بىر ئادەمنى دەپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىدىن ۋاز كىچىپ ۋە ئۆزىنىڭ قەدرىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىسادى مۇستەقىللىقنى يوقىتىپ قويمايدۇ. ئۇلار، پۇل بولغاندىلا ئاندىن ئورنى بار بولىدىغانلىقىنى ۋە ئەرلەرنىڭ قانداق ئاياللارنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئوبداق بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل مۇستەقىل ئىدىيىسى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى، ئەرلەرنى ئۆزىگە تېخىمۇ بەك جەلپ قىلىدۇ.