بۇ ئۈچ ئىش سىزنى تېخىمۇ تەلەيلىك قىلىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5841:قېتىم كورۇلدى
   ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنداقتا "تەلەي" دىگەن زادى نىمە؟ تەلەي خۇددى بىر خىل پۇرسەتكە ئوخشايدۇ، چۈنكى پۇرسەت ناگاندا بىر كۆرىنىدىغان خارەكتىرگە ئىگە بولىدۇ؛ كىشىلەرمۇ بۇ سەۋەپلىك، قىممەتلىك ھىسابلىنىدىغان بۇ "تەلەي"گە تولىمۇ بەك ئىنتىلىدۇ. بىراق، پۇرسەت كۆپىنچە تەييارلىقى بار ئادەملەرگە قالدۇرۇلغان بولىدۇ، شۇڭا "تەلەي"مۇ تەييارلىقى بار ئادەملەرنى ئىزدەپ تېپىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ ئەھۋالدا، بىز قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟

ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ئىشىنىڭ
    سىز بىر ئىشنى چىن دىلىڭىزدىن كۆڭۈل قويۇپ قىلىشنى ئويلىغىنىڭىزدا، پۈتكۈل كائىنات سىزگە ياردەم قىلىدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ساغلاملىق ئەھۋالى، خىزمەت ھالىتى قاتارلىق ئۆلچەملەرگە قارىغاندا، ئۆزىنىڭ تاللىشىغا ئىشىنىش، تۇرمۇش رازىمەنلىك دەرىجىسىنى تېخىمۇ ياخشى پەرەز قىلىپ چىقالايدىكەن.
   سىز بىر ئىشنى تەلىيىڭىز ئوڭدىن كىلىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنلاشنى ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا، ئالدى بىلەن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۇ ئىشنى ئورۇنلىيالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشنىشىڭىز كىرەك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىزنىڭ كاللىڭىزدا تەسەۋۋۇر قىلغان بۇ ئىشقا ئائىت كۆرۈنۈشلەر قانچىكى كونكىرتنى بولسا، ئۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى شۇنچە كونكىرتنى بولىدۇ. ئاكتىپ ئىدىيە، ئىجابى نەتىجىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئەكسىچە، پاسسىپ ئىنىرگىيە، ياخشى بولمىغان نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

باشقىلارغا ياردەم بىرىش
    گەرچە ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر يەككە تەن دەپ ئېيتساقمۇ، ئەمما جەمئىيەتتىكى كوللىكتىپ تۇرمۇش ئىچىدە، بىر ئادەم باشقا بىر ئادەم بىلەن ھېچقانداق ئالاقە ۋە مۇناسىۋەت قىلماي تۇرالمايدۇ. بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز ھەرىكەتلەنگەندە، ئۇنىڭ "تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كىلىشى" تەسكە توختايدىغان بولۇپ، باشقىلارغا ياردەم بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ياردەملەشسەك، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بىلىنىدۇ، بەخىت تۇيغۇسىمۇ ئاشىدۇ.
    بەلكىم، ناھايىتى شۇ خىزمەت جەريانىدا خىزمەتدېشىمىزغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ياكى ئۆيگە قايتىپ ئانىمىزغا ياردەملىشىپ ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىش بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا يارەم بەرگەن ۋاقتىمىزدا، بىزنىڭ ئىنىرگىيىمىز تېخىمۇ ئىجابى ھەم ئاكتىپ بولۇپ كىتىدۇ ھەمدە ئاكتىپ ئىنىرگىيەلەر بىزگە ياردەملىشىپ، بىز ئويلىغان نەرسىنى جەلپ قىلىپ ئەكىلىشىپ بىرىدۇ.

مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش خاتىرىسى قالدۇرۇش
    بىز ھەركۈنى نەچچە مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپلا بۇ ئىشنى ئورۇنلىيالايمىز؛ ئەمما، ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كىلىدىغان تەسىرى چوڭقۇر ھەم ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان بولىدۇ. سىز ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى بۇ ئىشنى قىلىشنى تاشلىماڭ، ھەر قېتىمدا ئۆزىڭىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىدىن بەشنى خاتىرلەڭ، ھەرقانداق كىچىك ئىشلار بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ. باشلىنىشتا، سىز بەلكىم بۇنى ئاسان ئەمەستەك ھىس قىلىشىڭىز مۇمكىن، ھەتتا ئۆزىڭىزدىن بۇ ئىش ياكى ئۇ ئىش راستىنلا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە بولۇپ ھىسابلىنامدۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.
    بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، سىزنىڭ بىرىدىغان جاۋابىڭىز چوقۇم دەپ جەزىملەش بولىدۇ؛ چۈنكى، ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىش، ئۆزىگە ئىشىنەلمەي قالغاندىن ياخشى. ھەركۈنى خاتىرە قالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ بەلگىلىك ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ خىيالىڭىزدىكىدىنمۇ بەك تەلەيلىك ئىكەنلىكىڭىزنى بايقايسىز ھەمدە كىچىكلىكىدىن سىز ئاللبۇرۇن ئۇنتۇپ قالغان، ئەمما ناھايىتى تەلەيلىك بولغان پەيتلەرنى ئىسىڭىزگە ئالالايسىز.

    تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئۇسۇل بىزنىڭ كۈندىلىك بەخىت تۇيغۇمىزنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى بەلگىلىك دەرىجىدە خامۇشلىشىش ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا سىز، ئەسلىدە ئۆزىڭىزنىڭمۇ بۇنچە كۆپ يارقىن نوقتىلىرىڭىز ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىڭىز بارلىقىنى بايقايسىز. سىز ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان بولغاندىن كىيىن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەرسىلەرگە ئىرىشىشكە ئەرزىيدىغانلىقىڭىزغا تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولىسىز.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号