26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5690:ئادەم ئۆگەندى
    ئادەتتىكى كىشىلەر تاقايدىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ ھەممىسى "گىرام" بويىچە ھىسابلىنىدۇ؛ بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىققاندا ئۈستىگە ئومۇمى ئېغىرلىقى 26جىڭ كىلىدىغان ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېسىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنىڭ ئىچىدە، 12جىڭلىق ئالتۇن زەنجىردىن بىرسى، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى بىر جىڭ كىلىدىغان ئۈزۈكتىن تۆتى، ھەمدە ھەر بىرسىنىڭ ئېغىرلىقى 5جىڭدىن كىلىدىغان بىلەيزۈكتىن ئىككىسى بار. بۇنداق يۇقىرى ماقامدا يۈرۈپ، چىن ۋىنفۇ ئەلۋەتتە "داڭ چىقاردى، ھەمدە تەبىئىلا ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 4-ئاينىڭ10-كۈنى، ۋىيتنام ساقچى تەرەپ چىن ۋىنفۇنىڭ ئۆينى ئاختۇرۇشقا باردى؛ ئەمما ئۇلار ئويلىنىغىدەك چىقماي قالغىنى، چىن ۋىنفۇ ھەشەمەتلىك داچىدا ئەمەس بەلكى بىر قەۋەتلىك ئادەتتىكى كەپە ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن؛ چىن ۋىنفۇنىڭ خوشنىلىرىنىڭ ئىسپات سۆزى ساقچىلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان: چىن ۋىنفۇنىڭ ئائىلە شارائىتى ئادەتتىكى بولۇپ، ئانىسى سەكتە بولۇپ قېلىپ يېتىپ قالغان، دادىسى بولسا ھەركۈنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئۆيىنى باقىدىكەن؛ ئەكسىچە، چىن ۋىنفۇ ھەركۈنلۈكى چىقىپ "بايلىق كۆز-كۆز قىلىشقا" خۇمار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئاتالمىش "باي ئادەم" كۆپىنچە ساختا ھادىسە ئىكەن. تېخى يەنە بەزى خوشنىلىرىنىڭ دىيىشىچە، چېن ۋىنفۇنىڭ كاللىسىدا چاتاق بار بولۇش ئىھتىماللىقى بار ئىكەن.
    خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، چىن ۋېن فۇ بۇندىن بۇرۇن ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ قالتىس "باي" دەپ نام ئېلىپ، توختىماستىن گىزىتنىڭ باش بەتلىرىگە چىققان. ئۇ ئىلگىرى توردا 3مىليۇن يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇندىن ھەل بىرىلگەن بىر موتوتسىكىلىتنى ئاشكارىلىغان؛ يېقىندا يەنە تېخى، ئۆزىنىڭ 4جىڭ ئېغىرلىقتا، 260تال ئالماس بىلەن زىننەتلەنگەن ئالتۇن دوپپا ياساتقانلىقىنى كۆز-كۆز قىلغان بولۇپ، چىن ۋىنفۇنىڭ بۇ خىل "يالت-يۇلت قىلىپ پارقىراپ تۇرىدىغان" بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىش ئۇسۇلى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان.

    دەرۋەقە، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چىن ۋىنفۇنى "كاتتا باينىڭ بەگزادىسى" ياكى ئىككى قولىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن "كاتتا باي" دەپ قاراپ قالغان؛ ئەمما چىن ۋىنفۇنىڭ خوشنىلىرى ئۇنىڭ ساختىلىقىنى ئېچىپ تاشلىغان: چىن ئائىلسى خۇجىمىڭ شەھىرى خومىن رايونىدا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئىزچىل تۈردە ناھايىتى تۆۋەن مۇقامدا ياشاپ كەلگەن، ھەم پۇلدار ئائىلىدىنمۇ ئەمەس ئىكەن.
    چىن ۋىنفۇنىڭ بىر ئايال خوشنىسى چىن دېلىنىڭ دىيىشىچە، چىن ۋىنفو ھەمىشە ئۆيىگە قايتمايدىغان بولۇپ، ئۇلار چىن ۋىنفۇنىڭ توردا "بايلىق كۆز-كۆز قىلىپ" يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان، ئەمما ئۇنىڭ قانداق باي بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن. 47ياشلىق خوشنىسى رۈەن مونىڭ دىيىشىچە، چىن ۋىنفۇنىڭ ئانىسى سەكتە بولۇپ قالغانلىقتىن پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغان، ئەمما چىن ۋىنفۇ ناھايىتى ئۇزۇندا ئاندىن بىرەر قېتىم كىلىپ يوقلاپ كىتىدىكەن؛ ئۇ ھەر قېتىم قايتىپ كەلگەندە، كىيىنىشى ئادەتتىكىچە بولۇپ، پۇل تېپىپ باي بولغان كىشىلەرگە ئەسلا ئوخشىمايدىكەن. خۇشنىلىرىنىڭ دىيىشىچە، چىن ۋىنفۇنىڭ ئەمىلىيەتتە پۇلى يوق، ئەمما ئۇ توردا بايلىقىنى ۋە ئالتۇنىنى كۆز-كۆز قىلىشقا خۇمار بولۇپ قالغان ئىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ نىرۋىسىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号