دوستىنىڭ ئانىسىنى كەلتۈرۋالغان يىگىت
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6056:ئادەم ئۆگەندى
    ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا كىنتاجى شىتاتىدىكى 18ياشلىق يىگىت چاس، يەتتە يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەمدە بۇ جەرياندا 300قېتىمدىن ئارتۇق توي تەكلىۋى قويۇش ئارقىلىق، ئاخىرى 39ياشلىق جايمى.بىروۋىن خانىمنىڭ بولغۇسى ئىرىغا ئايلاندى؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ پات يېقىندا، ئەڭ يېقىن دوستىنىڭ ئۆگەي دادىسىغا ئايلانماقچى.
    ئۇلار ئوتتۇرسىدا زادى قانداق ھىكايىلەر يۈز بەرگەن؟ بۇيىل 18ياشقا كىرگەن چاس، بۇيىل 16ياشقا كىرگەن جېسىننىڭ ئەڭ ياخشى دوستى. ئۇلار 7يىل بۇرۇنلا ئەڭ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان بولۇپ، جېسىن شۇ ۋاقىتتا ئەمدى 11ياشقا كىرگەن چاس.جابادنى ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ ئانىسىغا تۇنۇشتۇرغان.
    قانداق سەۋەبلەرنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغىنى ئىنىق ئەمەس، ئەمما ئەمدى ئون ياشتىن ئاشقان چاس، ئۈچ بالىغا ئانا بولغان بۇ ئايال بىلەن يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، 2013-يىلى، ئەينى ۋاقىتتا ئازراق سەمىرىپ قالغان جايمى.بىروۋىن بىلەن بىرلىكتە يۈگرەپ ئۇرۇقلاشنى باشلىغان. چاس جايمىغا ھەمرا بولۇپ ھەر كۈنى 10 ئىنگىلىز مىلى ئارىلىققا يۈگرەش چېنىقىشى ئېلىپ بارغان؛ دەل مۇشۇنداق بوشاشماس ئىرادە ئاستىدا، جايمى ئۇ يىلى ساق 89جىڭ ئۇرۇقلىغان. بىراق، چاس ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ 18ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىدىن 21ياش چوڭ بولغان جايمىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۇچرىشىشقا چىقىشنى باشلاپ، ئىككىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئورتاق قىزىقىشلىرى بارلىقىنى ھىس قىلىشقان. جايمىنىڭ دىيىشىچە، چاس ئۇنى سۆيۈشتىن بۇرۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ چاس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمىگەن؛ ئەمما ئۆزىنىڭ چاسنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بۇ تۇيغۇسىدىن ھەيران قالغان.
    جايمىنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى بار بولغاچقا، ئۇ ئالدى بىلەن بالىلىرىنىڭ بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلالىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك ئىكەن؛ بۇندىن باشقا، چاس ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىۋى قويغان ۋاقىتتا ئۇ ناھايىتى تەسىرلەنگەن، ئەمما ئۇ ئاۋال رەسمى تۈردە ئاجرىشىپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن چاس بىلەن توي قىلالايدىكەن. چاسنىڭ دىيىشىچە بولسا، ئۇ دوستلۇقنى قانداق قىلىپ مۇھەببەتكە ئۆزگەرتىشنى بىلمەيدىكەن، شۇڭا ئۇ نەچچە ھەپتە ئويلىنىش ئارقىلىق، ئاخىرى جايمىنى سۆيۈشنى قارار قىلغان. توي قىلىش تەكلىۋى قويۇش ئۈچۈن، چاس ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باققان بولۇپ، توي قىلىش تەكلىۋى قويۇش قېتىم سانى ئۈچيۈز نەچچە قېتىمغا يىتىپ، ئاساسى جەھەتتىن ھەر كۈنگە بىر قېتىمدىن توغرا كەلگەن.
    چاسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ جايمىنىڭ خارەكتىرىنى ۋە يۇمۇرىستىكلىقىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇمانلىنىشىغا ئۇچرىغان؛ چۈنكى، ئۇ جايمىنىڭ يېشى، چاسقا ئانا بولۇشقا يىتىپ ئاشاتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى جايمى بىلەن چاسنىڭ مۇھەببىتىگە قارىتا ھەيرانلىق ھىس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالغان ھەم ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قوبۇل قىلغان.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئادەم ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا نەچچە كۈن ئۇخلىماي بەرداشلىق بىرەلەيدۇ

ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى باتارىيەگە توك قاچىلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىزن

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号