پىيازنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 44652:قېتىم كورۇلدى
    پىياز تۇرۇمىشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تاماق ئىتىشنى بىلمەيدىغان ئادەملەرگىمۇ، پىياز ناتۇنۇش ئەمەس. بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىياز ئىستىمال قىلغاندا ئازراقمۇ دىققەت قىلماي خالىغانچە ئىستىمال قىلساق، بەزىبىر خاتا رايونلارغا كىرىپ قېلىپ، سالامەتلىكىمىزگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىشىمىز مۇمكىن ئىكەن.
    پىياز ئىستىمال قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى سۆزلەشتىن ئاۋال،تۆۋەندە بىز پىيازنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئىشتىھانى ئېچىش
   پىيازنىڭ تەمى ئاچچىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تەم ئەكسىچە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىياز ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىش بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدىكەن.
ئۇيقۇنى ياخشىلاش
    شۇنداق دىيىشىكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق روھى بېسىملىرى بار. خىزمەتچىلەر خىزمىتى توغرىسىدا غەم يەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش نەتىجىسى توغرىسىدا غەم يەيدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، بەزىبىر نىرۋىسى نىسبەتەن سەزگۈر كەلگەن كىشىلەردە، ئۇخلىيالمايدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بىز ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان پىياز چىلانغان سۇ ئىچىپ بەرسەك، بىزنىڭ كەيپىياتىمىزنى ياخشىلاپ، ياخشى ئۇخلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
باكتىرىيە يوقىتىش
     پىيازنىڭ باكتىرىيە يوقىتىش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. شۇڭا ئادەتتە، پىياز چىلانغان سۇنى ھەمىشە ئىچىپ بەرسەك، بەدەندىكى كىسەللىك مىكروبلىرىنى يوقىتىپ، بەزىبىر كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    يۇقىرىدا پىيازنىڭ ئۈنۈملىرىنى سۆزلەپ بولدۇق. ئەمدى تۆۋەندە، پىياز ئىستىمال قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى كۆرۈپ باقايلى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمىلىيەتتە تىرىسى سەزگۈر، ئاسان رىئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان كىشىلەر، پىياز ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ؛ چۈنكى، پىياز ئەسلىدىنلا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە بولغاچقا، پىيازنى زىيادە ئىستىمال قىلىۋەتكەندە، تىرىدە ئاسانلا قىزىرىپ ئىششىپ قېلىش، رىئاكسىيە قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بۇندىن باشقا، پىيازدا قورۇما قورۇغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى لامنارىيە(خەيدەي) بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قورۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، بۇ ئىككى خىل كۆكتات تەركبىدىكى ماددىلار ئۆز-ئارا ئاسانلا رىئاكسىيەلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاسانلا تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە ئاشقازان ئۈچەينى غىدىقلاپ يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号