ھازىر، راك كىسەللىكى تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى ئۆلۈم خەۋىپى بولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسىرى ئېشىپ كىتىۋاتماقتا؛ بۇنىڭغا قارىتا، نۇرغۇن كىشىلەر راك كىسەللىكىدىن ساقلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشماقتا. ئۇنداقتا، قايسى خىلدىكى كىشىلەر ئاسانلىقچە راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالمايدۇ؟

ئۇچۇق مىجەز كىشىلەر
ھازىر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئىزچىل تۈردە بىر خىل تىز رېتىم ئىچىدە تۇرۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر كۆپلىگەن تەرەپلەردىن روھى بېسىمغا دۇچ كىلىۋاتقان بولىدۇ؛ بىراق، بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى، ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل جىددىچىلىك ياكى روھى بېسىم ۋە ياكى غەزەپلىنىش قاتارلىق پاسسىپ كەيپىيات ئىچىدە تۇرسا، ئۇنداقتا ئۇ ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىدا تەبىئىلا بىنورماللىق كۆرۈلۈپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ ئىممونت كۈچى ۋە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىگە بىۋاستە تەسىر يىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، راك كىسەللىكى بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا يۈزلىنىپ قالىدۇ. ئەكسىچە، ئۇچۇق مىجەز كىشىلەرنىڭ روھى كەيپىياتى ھەرۋاقىت جانلىق ھالەتنى ساقلايدىغان بولغاچقا، ھەرقانداق ئىشلارغا قارىتا خۇشاللىقنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يۈزلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال، ئۇلارنىڭ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولىدۇ.

ساغلام يىمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ئىگە كىشىلەر
بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى ئۇچرىتىمىز؛ ئەمما بىز ساغلام بولغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يىتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن تەن سالامەتلىكىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. ئەگەر كۈندىلىك يىمەك-ئىچمىكىمىزدە، يۇقىرى ماي تەركىبلىك، يۇقىرى ئىنىرگىيە، يۇقىرى قەنت، يۇقىرى تۇز مىقدارلىق يىمەكلىكلەر كۆپ بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ قان تۇمۇرلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى بىۋاستە تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بەزىدە ھەتتا بىۋاستىلا يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇندىن باشقا، بىزنىڭ ئاشقازان قاتارلىق ھەزىم قىلىش سېستىمىسى ئەزالىرىمۇ زىيانغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئاشقازان راكى ۋە يۇتقۇنچاق راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى ئۆرلىتىۋىتىدۇ.
راك كىسەللىكى ئىرسىيەت قېلىش تارىخى بولمىغان كىشىلەر
ھازىر، نۇرۇن راك كىسەللىكلىرى بەلگىلىك ئىرسىيەت خارەكتىرىگە ئىگە كىلىدۇ؛ مەسىلەن، سۈت بېزى راكى، چوڭ ئۈچەي راكى قاتارلىق راك كىسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىرسىيەت قېلىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر راك كىسەللىكى ئىرسىيەت قېلىش تارىخى يوق كىشىلەرنىڭ بەدەن ساپاسى نىسبەتەن يۇقىرى بولسا، ئۇنداقتا ئۇلاردا راك كىسەللىكى كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى تەبىئىلا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.

ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشتا چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەر
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ھەرىكەتلىنىش، ھاياتلىقنىڭ تۈپ مەنبەسى. بىراق ھازىر، ئالدىراش خىزمەت، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ زور مىقدارىدىكى ۋاقتنى ئىگەللىۋالىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشقا ئاجرىتالايدىغان بوش ۋاقتى بەك كۆپ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ھەرىكەتلىنىپ چنىقمىساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ مىتابولىزىمى ۋە قان ئايلىنىش تىزلىكى تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كىتىدۇ.