بۇ جەھەتلەردە ھەمبەھىرلىنىپ باقمىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىشى چاتاق
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6714:قېتىم كورۇلدى
    تويلىشىشتىن كىيىنكى تۇرمۇش، مۇھەببەتنىڭ ئەينىكى بولۇپ، تويلىشىشتىن بۇرۇن مەيلى قانچىلىك ياخشى كۆرىشىدىغان بولمىسۇن، تويلاشقاندىن كىيىن، تۇرمۇشتىكى چوڭ-كىچىك مەسىلىلەرگە قارىتا يەنىلا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش مۇھەببەتنى ساقلاپ قالالىساڭلار، ئۇنداقتا ئىككىڭلار ئادەمنى خاتا تاللىمىغان بولىسىلەر. بەزى كىشىلەر تويلىشىشتىن بۇرۇن بىر-بىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىشىدىغان كىلىدۇ، ئەمما توي قىلىپ ئىككى يىل بولا بولمايلا ئاجرىشىپ كىتىدۇ، تۇرمۇشنىڭ جاپالىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. ئەگەر سىز بىلەن توي قىلغان ئۇ ئادەم پەقەت سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزدىن، پۇلىڭىزدىن ۋە مۇۋەپپىقىيىتىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىپلا ئۆتىمەن دىسە، سىز بىلەن بىللە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى تەڭ زىممىسىگە ئېلىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. توي تۇرمۇشىدا، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ھەمبەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كىتىشى ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن بولىدۇ.
مائاشىنى ھەمبەھىرلىنىش
   تويدىن كىيىنكى ھىساباتنى ئىنىق قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا تويدىن كىيىن يەنە چىقىمنى ئورتاق چىقىرىمىز دەپ ئويلىماڭ؛ بولمىسا، ئايال كىشىنىڭ بالا تۇغقاندىكى جاپاسى، ئۆي تۇتقاندىكى ئەمگەكلىرىنى سىز نىمىڭىز بىلەن تەڭ چىقىرىسىز؟ ئەر كىشىنىڭ بالا تۇغۇشى كەتمەيدۇ، ئۆي ئىشلىرى قىلىشى كەتمەيدۇ؛ ئايال كىشى بولسا بۇلاردىن سىرت يەنە ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ، شۇڭا بۇ ئەسلىدىنلا بىر خىل تەڭسىزلىك بولىدۇ، بىراق يەنە ياخشى كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپ بۇنىڭغا ئۆزى خالاپ رازى بولىدۇ، ھىسابلاش كەتمەيدۇ. مائاشىنى ھەمبەھىرلىنىش، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق بىر ئىش بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ قانچىلىك كىرىم قىلىدىغىنىنى بىلمىسە بولمايدۇ. بولمىغاندا، ئارىلىقتا پۇلنىڭ مەسىلىسى سەۋەبىدىن ھامان زىددىيەت كىلىپ چىقىدۇ.
تاماق ۋاقتىنى ھەمبەھىرلىنىش
   ھەرقانچە ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئەر-خوتۇنلار چوقۇم بىرگە تاماق يىيىشى كىرەك، بۇنىڭدا ئوتتۇرلۇقتىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. ئەر-خوتۇنلار ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى بار بولغاچقا، ئۇلار بىر كۈن ئاساسەن يۈز كۈرۈشەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا، تاماق يىيىشتەك بۇنداق خۇشاللىق ئىشنى چوقۇم ھەمبەھىرلىنىشى كىرەك. ھېچبولمىغاندا بىرەر ۋاخ تاماقنى بىرگە يەپ، تاماق يىگەچ پاراڭلاشسا ياكى بىللە تىلىۋىزور كۆرسە، شۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل بەخىتتۇر. ئەگەر بىللە تاماق يىيىشمۇ خوشياقمايدىغان بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدىن چاتاق چىقىشقىمۇ ئۇزۇن قالمىغان بولىدۇ.
خۇشاللىق ۋە قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ھەم بەھىرلىنىش
    بەزىلەر، مەن سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىزگە قاتنىشالمىدىم، ئەمما بۇندىن كىيىن ھەر دائىم سىزگە ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن دەپ ئېيتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىلگىرى قانداق بولۇشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى، ئىككەيلەن بىرگە بولغاندىن كىيىن، ئۆز-ئارا خۇشاللىقلىرى ۋە قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىنىپ، بوران-چاپقۇنلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ ئۆتۈشتۇر. بەزى ئەر-خوتۇنلار، خۇددى توختاملىشىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقاندەك قىلىشىدىغان بولۇپ، بىرەر خۇشاللىقى ياكى كۆڭۈل خاپىلىقلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ دەرت ئېيتىدىغان ۋە ھەمبەھىرلىنىدىغان ئوبىكتى قارشى تەرەپ بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەر خوتۇنلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز يولىغا مېڭىشى ھامان بىر كۈنى يۈز بىرىدىغان مۇمكىنچىلىكتۇر.
 

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号