لاتارىيەدە مۇكاپات چىققان ئەر 9يىللىق ئايالىدىن ۋاز كەچتى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6366:قېتىم كورۇلدى
    ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئەر-خوتۇنغا، "ياۋرۇپا مىليۇنىرى" لاتارىيەسى تارىخىدىكى ئىككىنچى يۇقىرى مۇكاپات—148مىليۇن فوندسىتىرلىڭ مۇكاپات چىققان. ئەر-خوتۇن ئىككىسىگە بۇ قېتىملىق مۇكاپات چىقىشتىن ئىلگىرى، "ياۋرۇپا مىليۇنىرى" لاتارىيەسى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى چىقىپ باقمىغىلى 14قارار بولغان ئىدى.
   بۇ قېتىملىق مۇكاپات سوممىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا تەسىر كۆسىتىشى ئىنىقلا گەپ. ئادىرىئان ئەر-خوتۇنلار ھاياتىدىكى تۇنجى شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان سېتىۋالدى؛ ئەلۋەتتە، ئالى دەرىجىلىك ماشىنىلارمۇ كەم قالمىدى.
    قاتناش قورالى تۇلۇقلانغاندىن كىيىن، نۆۋەت تۇرالغۇ ئۆيگە كەلدى. رەسىمدىكى بۇ داچا، ئادىرىئان يېقىندا 6مىليۇن فوندسىتىرلىڭ سەرپ قىلىپ سېتىۋالغان تۇرالغۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ تۇرمۇشى ئىلگىرىكىدىن غايەت زور پەرقلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇلارنى كۆرگەن تۇققانلىرىمۇ، ئادىرىئاننى ئىزدەپ كىلىپ پۇل قەرز ئېلىشقا باشلىدى. ئادىرىئانمۇ چۇپەيلىك قىلىپ يۈرمەي، بىر قېتىمدىلا 20مىليۇن قەرز بەردى.
    كەينىدىن ئادىرىئان نەچچە ئون كىشىلىك شىركەتتىن بىرنى قۇردى، بىراق ئۇنىڭ شىركىتى ئىزچىل زىيانغا مېڭىۋاتاتتى. سۈرەتتىكى بۇ ئايال، ئادىرىئاننىڭ چاتىقى بار دەپ سۆز-چۆچەك تارالغان ئايال قوغدىغۇچىسى. ئادىرىئان ئەر-خوتۇننىڭ 9يىللىق توي تۇرمۇشى، ئۇلارغا مۇكاپات چىققاندىن كىيىنكى 15ئايدىن كىيىن ئاخىرلاشتى.
    بىراق كىشىلەرنىڭ ئويلاپ يەتمىگىنى، ئادىرىئان ئايالى بىلەن ئاجراشقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئايال قوغدىغۇچىسى بىلەن بولغان بىنورمال مۇناسىۋىتىمۇ ئاياغلاشتى؛ بۇ ۋاقىتتا، ئاتا باققۇچى ئۇنىڭ يىڭى قىز دوستىغا ئايلاندى. ئادىرىئان بولسا، بۇ يىڭى قىز دوستىغا پۇل خەجلەشتە ئازراقمۇ ئىككىلىنىپ قالمايتتى.
    ئادىرىئان بۇ يىڭى قىز دوستى بىلەن توي قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قىز دوستى پۇل ۋە ئالى دەرىجىلىك ماشىنىلارغا گول بولىدىغاندەك قىلمايتتى. شۇڭا ئادىرىئانا قىز دوستىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن، قىممىتى 1مىليۇن 500مىڭ فوندسىتىرلىڭغا يىتىدىغان 35مو كۆلەمدىكى ئات فىرمىسى قۇرۇپ چىقتى.
    ئىككى يىل ئىچىدە، ئادىرىئان قىز دوستى ئۈچۈن نەسىللىك ئاتتىن يىگىرمىنى سېتىۋالدى، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن 2مىليۇن فوندسىتىرلىڭ پۇل خەجلەپ، بۇ ئارقىلىق قىز دوستىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتماقچى بولدى.
    مەلۇم بىر كۈنى ئەمدى ئۇيقۇدىن كۆزىنى ئاچقان ئادىرىئانا، قىز دوستىنى يىگىرمە نەسىللىك ئات بىلەن ئالى دەرىجىلىك ماشىنىنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى.
    ئادىرىئانا ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلدى، ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئات باقار قىز دوستىنىڭ دىرىكى بولمىدى. بۇ ئىش ئارقىلىق، ئادرىئانا ئاخىرى يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتنىڭ تەسىرى ئىچىدىن ئۆزىنى تارتىپ چىقىرىپ، ئەس-ھۇشىنى يېغىۋالدى. ئۇ ئىلگىرىكى ئايالىنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ، خاتالىقىنى تۇنىماقچى بولدى. لىكىن سىزنىڭچە، ئادىرىئاننىڭ ئىلگىرىكى ئايالى ئۇنى كەچۈرەرمۇ؟

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号