ماڭگونىڭ تەبىئىتى ئىسسىقمۇ سۇغۇقمۇ؟ ئادەمنى قوقاقلىتامدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 44542:قېتىم كورۇلدى
    ماڭگو، كىشىلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل مىۋە؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياز يىتىپ كەلگەندىن كىيىن، ماڭگونىڭ باھاسى ئەرزانلايدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر قوسىقىنى قويىۋىتىپ يەيدۇ. بىراق، مەيلى ھەرقانداق نەرسە يىمەيلى، نورمىدىن ئاشۇرۋىتىش ياخشى ئەمەس؛ بولمىغاندا، تەن ساغلاملىقىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ماڭگونىڭ تەبىئىى زادى ئىسسىقمۇ ياكى سۇغۇقمۇ؟
    ئەمىلىيەتتە، ماڭگو گەرچە ئىسسىق بەلباغدا ئۆسىدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق يىمەكلىك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ماڭگونى كۆپ يەۋەتسە ئادەمگە قوقاق چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق، ماڭگونىڭ تەبىئىتى سۇغۇق، ئۇ ئەسلىدە ئادەمنى قوقاقلاتمايدۇ؛ قوقاقلاشتىكى سەۋەپ بولسا، ماڭگو تەركىبىدىكى ساخارىدلار ۋاقتىدا پارچىلىنالمىغانلىقىدىن بولىدۇ.
   ماڭگونىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا ساخارىد(قەنت) ۋە ۋىيتامىن بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تۇتىۋالمايدۇ. بۇندىن باشقا، ھەمىشە ماڭگو يەپ بەرگەندە، ئاشقازانغا پايدىلىق بولۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، سۈيدۈك ھەيدەش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر ئاياللار ھەمىشە ماڭگو يەپ بەرسە، رەڭ ماددىلىرىنىڭ يېغىلىپ توپلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ماڭگو تەركىبىدىكى مول كەلگەن تالا ماددىلىرى، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    ماڭگونىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى گەرچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى بىر قېتىمدا بەك كۆپ يەۋىلىشقا بولمايدۇ، بولمىغاندا، بەلگىلىك دەرىجىدە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، تاماق يەپ بولۇپلا ۋە ئاچچىق يىمەكلىكەرنى يىگەندىن كىيىنلا ماڭگو يىيىشكە بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رىئاكسىيە تارىخى بار كىشىلەر ماڭگو يىمەسلىكى كىرەك؛ ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ماڭگو يەپ بولغاندىن كىيىن، قوللىرىدىكى ۋە ئېغىزىدىكى ماڭگو شەربىتى يۇقىلىرىنى ۋاقتىدا سۈرتىۋىتىشى لازىم، بولمىغاندا، رىئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ.
    ئاشقازان-ئۈچىيى ياخشى ئەمەس بىمارلار، ئادەتتە ماڭگونى ئازراق يىيىشى كىرەك. ماڭگونىڭ قەنت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇڭا دىئابىت كىسەللىكى بىمارلىرى ماڭگو يىسە قەتئى بولمايدۇ. بۇلاردىن باشقا، تىرە كىسەللىكى ۋە ئۆسمە كىسەللىكى بىمارلىرىمۇ ماڭگو يىمەسلىكى كىرەك، بولمىغاندا ئۇلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ھۆتىلىپ قالغان كىشلەرمۇ ماڭگو يىمەسلىكى كىرەك؛ چۈنكى، ماڭگو تەركىبىدە غىدىقلىغۇچى ماددىلار بار بولۇپ، ھۆتىلىپ قالغان كىشىلەر ماڭگو يىگەندە، ئۇلاردا رىئاكسىيە پەيدا قىلىپ، ھۆتەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号