ئۈندىداردا بۇنداق جاۋاپ قايتۇرغان ئەر كىشى سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5696:ئادەم ئۆگەندى
    ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، ئۈندىدار، تۇرۇمۇشتا بىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. مىنىڭ قارىشىمچە، ئۈندىدار ئارقىلىق پاراڭلاشقاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئادىمىيلىكىنى تېخىمۇ ئاسان كۆرۈپ يەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈندىداردا پاراڭلىشىش جەريانىدا، سىز يەنە قارشى تەرەپنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالالايسىز.
    ئۈندىداردا سىزگە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر قايتۇرغان ئەر كىشى، سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېخى سىزدىن بىزارلىق ھىس قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
سىز بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىسىڭىز، سىزگە پەقەت بىر ياكى ئىككى سۆزلۈكلا جاۋاپ قىلغان ئەر كىشى
    بىر ئادەمنى ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتا، مەيلى نىمە ئىشلارغا يولۇقمايلى ياكى نىمە ئىش يۈزبەرمىگەن بولمىسۇن، خۇشاللىق بولسىمۇ ياكى قايغۇلۇق ئىشلار بولسىمۇ، ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئۇ ئادەم بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىشنى ئويلايمىز. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنى ياخشى كۆرسە، ئۇنداقتا سىز پەقەت ئۇنىڭغا ئېيتسىڭىزلا، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، سىز خۇشال بولغان بولىسڭىز سىزگە بىللە خۇشال بولۇشۇپ بىرىدۇ، سىز ئەگەر خاپا بولۇپ قالغان بولىسڭىز، ئۇ سىزگە تەسەللى بىرىدۇ.
    بىراق، سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئەر كىشى، سىز ئۇنىڭغا ھەرقانچە كۆپ بىرنەرسىلەرنى دىسىڭىزمۇ، ئۇ مەڭگۈ پەقەت بىر ئېغىزلا "ھە"، "شۇنداقمۇ" دىگەن جاۋابنىلا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر ئەر كىشى ھەمىشە سىزگە بۇ ئۇسۇلدا جاۋاپ قىلىشنى باشلىسا، ئۇنىڭدىن قايتا ئۈمىد كۈتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى بۇ، ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنىڭلا ئەمەس، ھەتتا سىزدىن بىزار بولۇشقا باشلىغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئۇچۇرىڭىزنى كۆرمەي قالغان بولىۋىلىپ سىزگە ئۇچۇر قايتۇرماسلىق
   بىر ئەر كىشى سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ۋاقىتتا، سىز ئۇنىڭغا ئۇچۇر قىلغان ۋاقتىڭىزدا ئۇ چوقۇم قايتۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ، سىزنىڭ ئۇنى تاپالماي ئەنسىرەپ قېلىشىڭىزدىن قورقۇپ، سىزنىڭ قىلغان ئۇچۇرلىرىڭىزنى ھەرگىز ئۆتكۈزىۋىتىپ قالمايدۇ. بەزىدە، ئۇ ھەتتا ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، ئۇچىرىڭىزنى ۋاقتىدا كۆرەلمىگەن ۋە قايتۇرالمىغان بولسىمۇ، كىيىنچە سىزگە تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ سىزدىن ئەپۇ سورايدۇ.
   بىراق، ئەگەر ئەر كىشى سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭغا ھەرقانچە كۆپ ئۇچۇر ئەۋەتسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ سىزگە ئۇچۇر قايتۇرىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ھەتتا باشقىلارنىڭ ئالدىدا سىزنى تولا ئۇچۇر ئەۋەرتىپ ئاۋارە قىلىۋەتتى دەپ قاقشايدۇ.
نەچچە ئېغىز پاراڭلىشىپلا ئۇخلاشنى باھانە قىلىپ يوقاپ كىتىش
    سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەركىشى، ھەمىشە سىز بىلەن قانچە پاراڭلاشسىمۇ پاراڭ تۈگىمەيدىغاندەك ھىس قىلىدۇ، ھەرقانچە كەچ قالسىمۇ چارچاپ ئۇيقۇسى كىلىپ قالمايدۇ، ئاخىرىدا سىز پاراڭنى توختىتىشنى ئوتتۇرغا قويغاندا ئاندىن كۆزى قىيمىغان ھالدا بولدى قىلىدۇ. بىراق، سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ھەتتا سىزدىن بىزار بولغان ئەر كىشى بولسا، سىلەر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشمايلا، ئۇيقۇسى كىلىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، پاراڭنى توختىتىپ يوق بولىدۇ. ئەمما كەينىدىنلا، سىز ئۇلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز، ياكى بولمىسا تور ئۇيۇنلىرى ئىچىدە ئۇلارنىڭ سىماسىنى تېىپىۋالالايسىز.
    بىر ئادەمنىڭ، ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئادەمنى تەسىرلەندۈرەلىشى مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدۇ؛ بۇ خۇددى، يالغاندىن ئۇخلىغان بولىۋالغان بىر ئادەمنى، بىز مەڭگۈ چاقىرىپ ئويغىتالمىغانغا ئوخشاش بىر ئىش. ئەگەر بىر ئەركىشى، ئۈندىداردا سىزگە يۇقارقىدەك ئۇچۇر قايتۇرىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ۋە كىيىنلىكىڭىزنى قايتىدىن ياخشىراق ئويلىشىپ بېقىشىڭىز كىرەك.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号