كىلىنلەر نىمە ئۈچۈن قېيىنئانىسى بىلەن بىللە تۇرۇشنى خالىمايدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 27180:قېتىم كورۇلدى
   توي تۇرمۇشىدا، بىر ئايال كىشىنىڭ تويلىشىپ ياتلىق بولىدىغىنى بىر ئەر كىشىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل بىر ئائىلىدۇر. توي قىلغاندىن كىيىن، يىڭى ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئايرىم تۇرۇش ياكى قېيىنئانىسى بىلەن بىرگە تۇرۇش، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان پاراڭ تېمىلىرىنىڭ بىرسى. بۇ ھەقتە، ئاز بولمىغان كىلىنلەر، قېيىنئانىسى بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالىمايدۇ؛ چۈنكى، قېيىنئانىنىڭ كىلىنىنى ئۆز قىزى ئورنىدا كۆرىشى تەس بولغاچقا، قېيىنئانىسى بىلەن بىرگە تۇرغاندا، بەزىبىر قولايسىزلىقلاردىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. مىنىڭچىمۇ، ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئايرىم تۇرسا تېخىمۇ بەخىتلىك بولىدۇ؛ قېيىنئانا بىلەن بىرگە تۇرسا، زىددىيەتلەردىن قۇتۇلۇپ بولالماي، بەخىت دەرىجىسىگە تەسىر يىتىدۇ.
تولا كوتۇلدايدىغان قېيىنئانىغا ئۇچراپ قالسا، كىلىننىڭ ئاسانلا كۆڭلى رەنجىپ قالىدۇ
    ئوخشىمايدىغان ئىككى ئايال كىشى بىر ئەر كىشى ئۈچۈن بىر يەرگە كەلگەن بولغاچقا، قېيىنئانا ۋە كىلىننىڭ چىقىشىپ ئۆتمىكى ھامان كۆڭۈلدىكىدەك بولالمايدۇ؛ ئەگەر ئوتتۇرلۇقتىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىتەرەپ قىلالىسا، ئەلۋەتتە ياخشى، بىراق ياخشى بىتەرەپ قىلالمىسا ئاۋارىچىلىق ئاز بولمايدۇ. قېيىنئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىدىغان ئايال كىشىنىڭ باش ئاغرىقى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، ھەر نىمە دىگەن بىلەن ئۆز ئانىسى بولمىغاچقا، قېيىنئانىنىڭ ھەمىشە كىلىنىگە شەرتسىز ھالدا كەڭ قوساق بولۇشى مۇمكىن بولمايدۇ.بۇندىن باشقا يەنە، كۈنلۈك ئۇچرىشىپ تۇرۇش جەريانىدا، قېيىنئانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدا زىددىيەت تۇغۇلۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەم ياشقا چوڭۇپ قالغان گېپى جېقلاپ قالىدىغان بولغاچقا، ئەگەر قېيىنئانا توختىماي كوتۇلدايدىغان چىقىپ قالغاندا، بەزىدە ئادەمنىڭ كۆڭلى بىكاردىن بىكار رەنجىپ قالىدۇ.
تازىلىق جەھەتتە، قېيىنئانا بىلەن كىلىننىڭ بىر پىكىرگە كەلمىكى تەسكە توختايدۇ
    ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتى بار بولىدۇ؛ قېيىنئانا بىلەن كىلىننىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭمۇ ئوخشىشىپ كىتىشى ناتايىن. بۇ سەۋەپلىك، ئىككەيلەننىڭ تازىلىق ئادىتى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق بولۇشى ئىنىقلا گەپ. ئەگەر قېيىنئانا پاكىزلىقنى سۈيىدىغان بولسا ھەر ھالدا ياخشى بولغان بولىدۇ، كىلىن قېيىنئانىسىنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىۋالسا بولىدۇ؛ بىراق ئەگەر، قېيىنئانا پاكىزلىققا دىققەت قىلمايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا كىلىننىڭ ئائىلىنىڭ بەختىنى ھىس قىلىپ يىتەلىشى تەسكە توختايدۇ. چۈنكى، ئۆزىمىزدىن چوڭ، ئەيىبلەپ تەربىيە ئىشلىگىلى بولمايدىغان ھەمدە تازىلىققا دىققەت قىلمايدىغان ئادەم بىلەن بىرگە ئۆتۈش، ئادەمنىڭ سەۋرچانلىقىنى ھەقىقى تۈردە سىنايدۇ.
ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى يېقىنچىلىق قىلىشتىمۇ ئارىلىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ
    يىڭىدا توي قىلغان ئەر-خوتۇنلاردا، مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىدىكى قىزغىنلىقى تېخى ساقلىنىپ قالىدىغان بولغاچقا، يىڭى توي قىلغان مەزگىللىرىدە ئىككى كىشىلىك دۇنيا ئۆتكۈزۈشكە ئامراق كىلىدۇ. تېخى پەرزەنتلىك بولمىغان بۇ مەزگىلدە، ئەگەر قېيىنئانىسى بولمىسا، ئىككەيلەن خاتىرجەم ھالدا يېقىنچىلىق قىلىشالايدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇنلۇق مىھرىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. بىراق ئەگەر قېيىنئانىسى بىلەن بىرگە تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئىككى كىشىلىك دۇنياسى قۇرۇق كۆپۈككە ئايلىنىدۇ ھەمدە ئوتتۇرلۇقتا ئارىلىق پەيدا بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ. ئەگەر تېخى، ئىش ئۇقمايدىغانراق قېيىنئانىغا ئۇچراپ قالغاندا، ھە دىسىلا ئىككەيلەننىڭ ياتاق ئۆيىگە ئۈسۈپ كىرىپ يۈرسە، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ يېقىنچىلىق قىلىشىدىغان كۆڭلىمۇ قالمايدۇ.
قېيىنئانا كىلىنىنى بالىلىق بولۇشقا سۈيلەپ بىئارام قىلىۋىتىدۇ
    قېيىنئانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدا، ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە ساقلىنىدىغان بولۇپ، مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ بۇنداق تۇرمۇشنى قوبۇل قىلالىش ياكى قىلالماسلىقىڭىزدا، ۋە ياكى سىزنىڭ بۇ خىل چەكلىمە ۋە چات كېرىپ ئارىلىشىۋىلىشنى قوبۇل قىلىشنى خالاش خالىماسلىقىڭىزدا. بىراق، ئەگەر قېيىنئانىڭىز نەۋرە كۆرۈشكە ئىنتايىن بەك تەقەززا بولۇپ كەتكەن قېيىنئانا بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ كۈنلىرىڭىز ئويلىغاندىنمۇ تەسلىشىپ كىتىشى مۇمكىن. چۈنكى، قېيىنئانىڭىز سىزنى كۈندە نەچچە رەت بالا ئېلىشقا سۈيلەپلا قالماي، ئۇ يەنە ئەمىلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سىزنى "قوللىشى" مۇمكىن؛ يەنى سىزگە ھەرخىل يەرلىك رىتسىپلاردا كۆرسىتىلگەن قۇۋۋەت يىمەكلىكلىرى ۋە دورىلارنى تېپىپ كىلىپ، تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى پۈتۈنلەي قالايمىقانلاشتۇرۋىتىشى مۇمكىن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号