بىر ئانا تۇغقان قوشكىزەكنىڭ دادىسى ئىككى، بۇنىمە ئەھۋال ئەمدى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5823:ئادەم ئۆگەندى
   ھەيران قالارلىق بىر ئىش! يېقىندا، شىيامىن شەھرىدىن بولغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بالىلىق بولۇپ،  بىر جۈپ قوشكىزەك بوۋاق تۇغۇلغان؛ ئەمما غەلىتە بولغان يىرى شۇكى، قوشكىزەك بوۋاقلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، دادىسىغا پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇلار بىر ۋاراق بىكىتىش قەغىزى سەۋەپلىك داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى؛ چۈنكى ئاتا-بالىلىقنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ بىر جۈپ قوشكىزەكنىڭ دادىسى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئەر كىشى ئىدى.
    بۇ ۋاقىتتا ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇدىغىنى، قوشكىزەك بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ بىر ئېغىز گېپى بولدى.
    .... .... ....
    بۇ قانداق ئىش؟ بىر ئانا بىر قېتىمدا تۇغقان قوشكىزەك بوۋاقنىڭ دادىسى ئىككى؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئەمىلىيەتتە، بۇ ھەقىقى يۈز بەرگەن بىر ئىش.
    يېقىندا، شىيامىن شەھرىگە ئورۇنلاشقان فۇجىيەن جىڭتەي ئەدىلىيە تەكشۈرۈپ باھالاپ بىكىتىش مەركىزىدىكى جاڭ مۇدىر، خىزمەت جەريانىدا يولۇققان مۇنداق بىرى ئىشنى مۇخبىرلارغا سۆزلەپ بەرگەن.
    شىياۋ لۇڭنىڭ ئايالى قوشكىزەك تۇغقاندىن كىيىن، ئۇ ھەركۈنى ياخشى دادىلىق رولىنى ئۆتەپ، ئايالىغا ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن ھەمدە ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان؛ ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلىدە گۇمان پەيدا قىلغىنى، بىر جۈپ قوشكىزەك بوۋاق بىر-بىرىگە قەتئى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، ئارىدىكى بىرسىنىڭ مەيلى قاش-كۆزى ياكى ئېغىز-بۇرۇنلىرى بولمىسۇن، دادىسى بولغان شىياۋ لۇڭنىڭكىگە ئازراقمۇ ئوخشىمايتتى. بىراق، شىياۋ لۇڭمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر گۇمانلانغان بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇ بىر جۈپ قوشكىزەكنىڭ دادىسى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئەسلا ئويلىنىپ باقمىغان ئىدى.
    بىراق، بالىنى نۇپۇسقا ئالدۇرۇشتا بىر نۇسخا ئاتا-بالىلىقنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش نەتىجىسى تاپشۇرۇش لازىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلنىڭ بېشىدا، شىياۋ لۇڭ بىر جۈپ قوشكىزەك بالىسىنى ئېلىپ جېڭتەي ئەدىلىيە باھالاپ بىكىتىش مەركىزىگە كىلىپ ئاتا-بالىلىقنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش قىلدۇرغان ھەمدە بىر ھەپتىدىن كىيىن، ئايالى بىلەن بىرلىكتە نەتىجىنى ئالغىلى كەلگەن.
    بىراق، ئاتا-بالىلىقنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش نەتىجە قەغىزىنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن، شىياۋ لۇڭ خۇددى چاقماق سوققاندەكلا جايىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغان.
    قوشكىزەكنىڭ دادىسى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئادەم چىقىپ قالغان!!!
    ئاتا-بالىلىقنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش جەريانىدىكى "DNA ئىرسىيەت بەلگە تىپى تەكشۈرۈش نەتىجىسى"گە ئاساسلانغاندا، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچى دادا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدا قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن.
    بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنىڭدىن دىرەك بىرىدۇكى، گەرچە ئىككى بالا بىر ئانا بىر قېتىمدا تۇغقان قوشكىزەك بولسىمۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى بىرسى شىياۋ لۇڭنىڭ ئۆز بالىسى، يەنە بىرسى بولسا، شىياۋ لۇڭنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەس. بۇ تەكشۈرۈپ بىكىتىش نەتىجىسى، شىياۋ لۇڭنىلا ئەمەس، بارلىق كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
    قاتتىق غەزەپكە تولغان شىياۋ لۇڭ، ئايالىغا تەكشۈرۈپ بىكىتىش نەتىجە قەغىزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرلەشتى. ئايالى باشتا ئۆزىنىڭ ئىرىگە قەتئى سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، چەكتىن چىقىدىغان ئىش قىلمىغانلىقىدا چىڭ تۇردى؛ ھەتتا، تەكشۈرۈپ بىكىتىشتە ئىشلەتكەن ئەۋرىشكىنى قەستەن خاتا بەرگەن دەپ، ئىرىدىن گۇمان قىلدى. ئەمما كىيىن، دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئاستىدا، گەرچە ئايالىمۇ ھەيران قالغان بولسىمۇ، بىراق، ئىرى شىياۋ لۇڭنىڭ غەزەپلىك سوراقلىرى ئاستىدا، ئاخىرى ئىلگىرى باشقا بىر ئەر كىشى بىلەن "بىر كىچىلىك مۇناسىۋەت" ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان.
    ھازىر، بۇ نەتىجىگە قارىتا، شىياۋ لۇڭ، ئۆزىنىڭ بالىسىنى چوقۇم ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما باشقىلارنىڭ بالىسىنى باقسا، كۆڭلى بىئاراملىق ھىس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    بىر ئانا بىر قېتىمدا تۇغقان قوشكىزەك بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئادەم بولۇپ چىقىش نىسبىتى پەقەت مىليۇندىن بىر بولۇپ، بۇ لاتارىيەدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققاندىنمۇ تەس ئىكەن.
   تىببى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، بۇنداق بىر جۈپ قوشكىزەكنىڭ دادىسى ئىككى چىقىپ قالىدىغان ئەھۋالنىڭ يۈزبىرىش نىسبىتى پەقەت مىليۇندىن بىر بولۇپ، ئادەتتە نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئاياللار بىر ئايدا پەقەت بىر تال تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىدىكەن؛ ئەمما ئىنتايىن بەك ئاز ساندىكى ئاياللاردا، بىر ئايدا ئىككى تال تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرىلىدىكەن.
   شۇڭا، ئەگەر ھەيىز مەزگىلىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىلسا ھەمدە تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىش مەزگىلىدە بۇ ئايال كىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئەر كىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئۇنداقتا ئىككى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىكى ئىسپىرمىنىڭ، ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئەر كىشىدىن كىلىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئالدىدا سۆزلەنگەنگە ئوخشاش، بىر ئانا بىر قېتىمدا ئىككى ئەر كىشىدىن بولغان قوشكىزەك بالىغا ھامىلدار بولۇش ئەھۋالى كىلىپ چىقىدىكەن.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号