بەخىت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغان ئادەتلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6460:ئادەم ئۆگەندى
ئۇخلىغىلى ياتقاندا يانفوننى قويۇپ قويۇش
    يانفوننى ئېلىپ كارۋاتقا چىققاندا، نورمال ئۇخلاش ۋاقتى كۆپىنچە كەينىگە سۈرۈلۈپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كارۋاتتا ئولتۇرۇپ يانفون ئويناشنىڭ، كۆزگە ۋە بويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭىكىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ.
    ئۇخلاشتىن بۇرۇن يانفوننى ئۆزىڭىزدىن يېراق قىلىڭ؛ ئۇخلىغىلى كارۋاتقا چىققاندىن كىيىن، ئازراق كىتاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ؛ ۋاقتىدا ئۇخلاپ، يىتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كىرەك.
ئەتىگەندە ناشتا قىلىش
   ئەتىگەندە چوقۇم ناشتا قىلىپ، يىتەرلىك ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك! چۈنكى، ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋاقىتتا، بىز بىر كىچە ھېچقانداق يىمەكلىك ئىستىمال قىلمىغان بولغاچقا، ئەگەر ۋاقتىدا تۇلۇقلاش ئېلىپ بارمىساق، سالامەتلىكىمىزدىن ئاسانلا چاتاق چىقىدۇ.
ھەر قانداق ئىشتا 10مىنۇت بالدۇر تەييار بولۇش
   ھەر قانداق ئىش قىلىشتا، ئۆزىمىزگە ئازراق ئىمكانىيەت قالدۇرۇش كىرەك. ئەگەر ھەرقانداق ئىشتا ئون مىنۇت بالدۇر تەييار بولساق، تاساددىبى ئەھۋال يۈز بىرىپ قالغاندا، بىز بىتەرەپ قىلىشقا يىتەرلىك ۋاقىتقا ئىرىشەلەيمىز ھەمدە بىراقلا جىددىلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنالايمىز.
ئىشلارنى مۇھىم ۋە جىددىيلىك دەرىجىسى بويىچە ئايرىپ قاراش
    ھەر كۈنى خىزمەت باشلاشتىن بۇرۇن، قولىمىزغا نىمە چىقسا شۇنى قىلىمەن دىمەي، ئالدى بىلەن كاللىمىزنى تىنچلاندۇرۇپ ياخشى ئويلىنىۋىلىشىمىز لازىم؛ يەنى، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنىڭ مۇھىم ۋە مۇھىم ئەمەسلىرىنى، جىددى ۋە جىددى ئەمەسلىرىنى ئايرىپ چىقىپ، ئاۋال جىددى ۋە مۇھىم كەلگەنلىرىنى ئورۇنلاپ تۈگەتكەندىن كىيىن، ئاندىن مۇھىم ئەمەس ۋە جىددى ئەمەس ئىشلارنى قىلىشقا تۇتۇش قىلىشىمىز لازىم.
رەت قىلىشنى ئۆگىنىش
    مۇۋاپىق تۈردە رەت قىلىشنى ئۆگىنىپ، ياردەم قىلغان ئوبىكىتتا تايىنىۋىلىش ئىدىيىسى شەكىللەندۈرۈپ قويماڭ.
ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىش
    پەقەت ئامال قىلالماي قالغان ھالەتكە يەتمىگۈچە، باشقىلاردىن ئىمكان قەدەر ئاز ياردەم سوراڭ. ياردەم سوراشقا ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى قارشى تەرەپ بىلەن ئورنىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭ ھەمدە بۇنداق ياردەم تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋالغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ياردەم قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن بىر سوراپ بېقىڭ؛ ئەگەر جاۋابى ياردەم قىلمايدىغانلىقىڭىز بولسا، ئۇنداقتا سىزمۇ باشقىلاغا ئېغىز ئېچىپ يۈرمەي باشقا ئامال ئىزدەپ بېقىڭ.
باشقىلارنىڭ سۆزىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ
    ئالدى بىلەن، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاش، قارشى تەرەپكە بىلدۈرگەن بىر خىل ھۆرمەت، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ ئاساسى بولغان ئەدەپ-قائىدە.
    ئۇندىن قالسا، ئەگەر باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساق، باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن بەزىبىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز.
ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇش
    ھاياتلىق ھەرىكەتلىنىشتە؛ شۇڭلاشقا، ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرىدىغان ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈشىمىز كىرەك.
پۇل باشقۇرۇشنى ئۆگىنىش
    مائاشى خېلى كۆپ، ئەمما ھەممىنى شۇ ئايدا خەجلەپ تۈگىتىدىغان ئادەملەر ئاز ئەمەس. پۇل باشقۇرۇش، ھاياتلىقتىكى چوڭ بىر ئىش بولۇپ، پۇل باشقۇرۇشنى بىلگەندە ئاندىن بايلىق توپلىيالايمىز. گەرچە بۇ ئارقىلىق چوڭ پۇلدارلاردىن بولۇپ كىتىمىز دەپ كەتكىلى بولمىسمۇ، ئەمما تۇيۇقسىز ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ قالغاندا جىددىلىشىپ ئىككى يېنىمىزغا قاراپ قالمايمىز.
قاقشاپ ئاغرىنىشنى توختىتىپ، ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈش
    مەسىلىگە يولۇققان ۋاقىتتا، قاقشاشقا ياكى ئاغرىنىشقا ئالدىرماڭ. قاقشاپ ئاغرىنىش مۇۋەپپىقىيەت ئېلىپ كىلەلمەيدۇ، ئۇ پەقەت مىھرى-مۇھەببەتكە زىيانلىق تەسىر ئەكىلىدۇ.
    سەۋەپنى ئۆزىڭىزدىن كۆپرەك ئىزدەڭ؛ ئۆزىڭىزدىن يەنە قايسى تەرەپلەرنى ياخشى قىلىپ بولالمايۋاتقانلىقىڭىزنى سوراڭ؛ بولسا ئۆزگەرتىڭ، بولمىسا ساقلىنىڭ.
كەيپىياتىڭىزنى كونتىرول قىلىپ، مۇلايىم ئادەم بولۇڭ
    ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاچچىقى بار؛ ھەرقانداق ئادەمنىڭ يولسىز، تەتۈر مىجەز بولۇپ قالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ؛ ئەمما، بىز كەيپىياتىمىزنى تەڭشەشنى ئۆگىنىپ، ئاچچىقىمىزنى باشقىدىن چىقىرىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.
    ئاچچىق، مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، ئۇ تېخى يەنە، ئاددى مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىدۇ.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号