دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت كالپۇك—ئالماس كالپۇك
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
    ئىقتىسادنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسىرى كۆپلىگەن ئاياللار گىرىم قىلىشقا ئامراق بولۇپ كەتتى؛ چۈنكى، گىرىم قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرالايدۇ. ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئىتىبار بىرىدىغىنى لەۋ سۇرۇخ بولۇپ، لەۋ سۇرۇخى ئاياللارنىڭ يۈز رەڭگى-رويىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، كالپۇك، ئادەمنىڭ ئىككىنچى "يۈزى"گە ئايلىنىپ قېلىۋاتماقتا.
    يېقىندا، ئامىرىكىلىق بىر ياش لايىھەلەش ئۇستىسى چويات، ئالماسنى كالپۇكىغا چاپلايدىغان بىر خىيالنى ئويلاپ تاپقان بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن توردا، ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى قوللايدىغان ئادەم ئىزدىگەن. ھۆسىن تۈزەش ئۇستىسى مارىي بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كىيىن، چوياتنىڭ بۇ يىڭى ئىجادىيىتىنى ناھايىتى قىزىقارلىق بىلىپ، بۇ خىل ئۇسلۇبنى سىناپ باقماقچى بولغان. مارىينىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ياسىنىش ئۇسلۇبى ئەگەر نام قازىنىپ قالسا، ئۇنىڭ ھۆسىنى تۈزەش ئورنى بۇندىن كىيىن تېخىمۇ داڭلىنىپ كىتىدىكەن.
    چويات بىلەن مارىي ئىككىسى بىر پىكىرگە كەلگەندىن كىيىن، مودىل ئىزدەشنى باشلىغان؛ ئاخىرىدا، ئۇلار كالپۇك شەكلى كۈرۈمسىز بولغان بىر "مودىل"نى تاللىغان؛ چۈنكى بۇنداق بولغاندا، كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ، ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ چىقىدىكەن. بۇ تۈرلۈك تەتقىقات، تەخمىنەن يېرىم يىل ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولۇپ، چويات بىلەن مارىي ئىككىسى ئالماس چىقىرىپ، مودىلنىڭ كالپۇكىغا ھەقسىز چاپلاپ بەرگەن؛ ئۇلارنىڭ مودىلدىن تەلەپ قىلىدىغىنى بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ ئەسىرىنى بىر ئۆمۈر ئېلىۋەتمەي ساقلاش ئىكەن.
    بۇ ئالماسلار جەمئى 6.5كارات بولۇپ، مودىلمۇ بۇ ئالماسلارنى كالپۇكىغا چاپلاتقۇزۇشقا خېلى چوڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتقان. ئەمىلىيەتتە، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خىياللىرى بار بولۇپ، مودىلنىڭ خىيالى بولسا، يېنىدا 6.5كاراتلىق ئالماس بار بولغىنىغا خوش؛ چويات بىلەن مارىينىڭ ئويى بولسا، ئۆزىنىڭ بۇ لايىھەسىنى پۈتكۈل يەر شارىغا تارقىتىش ئىكەن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号