جىياڭيۇ ئىستىمال قىلسا ئادەمنىڭ يۈزىگە داغ چۈشەمدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5813:قېتىم كورۇلدى
    يۈزىگە داغ چۈشۈش، ھېچقانداق ئادەم خالىمايدىغان بىر ئىش. چۈنكى، بۇ ئادەمنىڭ ھۆسنىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە تېخى ئادەمنى روھى چۈشكۈن، قېرى كۆرسىتىپ قويىدۇ. بىراق، ئاز بولمىغان ئاياللارنىڭ يۈزىگە داغ چىقىۋىلىشقا ئامراق بولۇپ، بەزىدە داغ يوقىتىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلتىش ياكى باشقا خىلدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش جەريانىدا، جىياڭيۇ ئىستىمال قىلماسلىق ھەققىدىكى جىكىلەشلەرنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇشىمىزدىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر جىياڭيۇ ئادەمنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرۈپ، تىرىنىڭ رەڭگىنى قارايتىۋىتىدۇ دىيىشىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ قاراشلار راستمۇ؟
جىياڭيۇ راستىنلا ئادەمنىڭ يۈزىدە داغ پەيدا قىلامدۇ؟
    جىياڭيۇنىڭ رەڭگى قارامتۇل كەلگەچكە تۇرمۇشىمىزدا بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى تىرىنىڭ قارىداپ كىتىشى ۋە داغ چۈشۈش بىلەن باغلىۋىلىشى مۇمكىن. دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىياڭيۇ ئەمىلىيەتتە، پۇرچاق تۈرى، بوغداي قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى ئېچىتىش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ھەزىم قىلىنىپ، كاربونلۇق سۇ، ئانورگانىك تۇز قاتارلىق ماددىلارغا ئايلىنىدىكەن ھەمدە ئادەم بەدىنى تەرپىدىن سۈمۈرلىدىكەن؛ ئەمما بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نۇر سىزىشچانلىقى يوق بولۇپ، ھورمۇن مىقدارى دەرىجىسىگىمۇ تەسىر قىلمايدىكەن؛ جىياڭيۇ تەركىبىدىكى قارا رەڭ ماددىسىمۇ تىرىگە يۆتكەلمەيدىغان بولۇپ، قاراڭ رەڭ ماددىسى ھۈجەيرىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يېغىلىشىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
ئادەمنىڭ تىرىسىنى ھەقىقى قارىدىتىدىغان يىمەكلىكەر—نۇر سىزىشچان يىمەكلىكلەر
    ماڭگو، لىمون، كەرەپشە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان نۇر سىزىشچان يىمەكلىكلەردىن بولۇپ، نۇرغۇن ئاياللار يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدە زور مىقداردا مىتال تەركىبى بولۇپ، قانچىكى كۆپ ئىستىمال قىلغانسىرى، نۇر سىزىش دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن، ئادەمنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈش ئىھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر كۈندۈزلۈكتە بۇ يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، ئۇزن ۋاقىتلىق قۇيۇش نۇرىغا قاقلىنىشتىن كىيىن، يۈزىمىزدە ئاسانلا پارچە-پارچە داغلار پەيدا بولىدىكەن، تىرىمىزمۇ ئاسانلا ئۆڭۈپ سارغىيىپ قالىدىكەن.
يۈزىگە داغ چۈشۈشنىڭ يەنە قانداق سەۋەبلىرى بار؟
بەدەندىكى ھورمۇن سەۋيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈش
    بۇ ئامىل، ئاياللارنىڭ يۈزىگە تېخىمۇ ئاسان داغ چۈشۈشنىڭ سەۋەپلىرىنىڭى بىرى بولۇپ، ھەيىز مەزگىلى ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىچكى ئاجرىلىش تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىدىغان ياكى ئاياللىق ھورمۇنى ۋە پروگېستىروندا ئۆزگىرىش كۆرىلىدىغان بولغاچقا، بەدەننىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەپلىك قارا رەڭ ماددىسىنىڭ چۆكۈپ يېغىلىپ، يۈز قىسىمغا داغ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرغا بىۋاستە ئۇچرىشىش
    ئولتىرا بىنەپشە نۇر بولسا، داغ چۈشۈش ۋە تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى تىزلىتىۋىتىشتىكى ئەڭ چوڭ سەۋەپچى ئامىل؛ شۇڭلاشقا، قېرىشقا قارشى تۇرماقچى بولغان ئاياللار ئەڭ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىش، ئولتىرا بىنەپشە نۇردىن مۇداپىئەلىنىشتۇر. چۈنكى، تىرىمىز زىيادە كۆپ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقاندا، تىرە يۈز قىسىمىدا زور مىقداردا قارا رەڭ زەررىچىلىرى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر تەسىرىدىن كۈيۈپ زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق فوتوسىنتىز رولى ئاستىدا، بەدەندىكى قارا رەڭ ماددىلىرى تىز سۈرئەتتە چۆكۈپ يېغىلىپ، داغ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
ناچار تۇرمۇش ئادىتى
    روھى بېسىم زىيادە ئېغىر بولۇش، تۇرمۇش ئادىتى تەرتىپسىز بولۇش، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى ناچار قاتارلىق سەۋەپلەر، ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يەتكۈزۈلىشىگە تەسىر يەتكۈزپ، مىتابولىزىم ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك داغ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ ياكى ئېغىرلىتىۋىتىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号