سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بەش خىل ئادەت
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5727:ئادەم ئۆگەندى
    ئىرسىيەت مەسىلىسىنى نەزەرگە ئالمىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سېمىرىپ كىتىشى، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ناچار تۇرمۇش ئادىتى، ناچار يىمەك-ئىچمەك ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سېمىرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئۇرۇقلاش يولىدا خاتا يوللارنى ئازراق مېڭىپ قېلىشى ئۈچۈن، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئادەمنى ئاسان سەمىرتىپ قويىدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ساغلام بولمىغان ئۇسۇلدا تاماقنى ئازايتىپ ئۇرۇقلاش
    نۇرغۇن كىشىلەر تىز سۈرئەتتە ئۇرۇقلاش مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن، تاماق مىقدارىنى ئازايتىپ ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، گەرچە بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىشكە بولسىمۇ، ئەمما كېمەيگىنى ئاساسى جەھەتتىن بەدەندىكى سۇ تەركىبى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەدەن مۇناسىپ ھالدىكى ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ، شۇڭلاشقا ئادەمدە ئۇرۇقلاش كۆرىلىدۇ. بۇ ئىلمى بولمىغان بىر خىل ئۇرۇقلاش ئۇسۇلى بولۇپ، تاماق ئازايتىش سەۋەپلىك نەچچە جىڭ ئۇرۇقلايدۇ، ئەمما ئۇرۇقلاپ بولغاندىن كىيىن يەنە چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىشكە باشلاپ، ئادەم ئەسلىدىكىدىنمۇ بەك سەمىرىپ كىتىدۇ.
تەرتىپسىز كەلگەن تۇرمۇش ئادىتى
    ئۇزۇن مەزگىل كىچىسى ئۇخلىماسلىق ياكى ئاز ئۇخلاش، ھاراق ئىچىش، مىھماندارچىلىق، ئاخشىمى يانفون ئويناش، ئۇزۇن مەزگىل ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قارىماققا نۇرغۇن ئادەملەر كۆرىلدىغان ئادەتتىكى ئەھۋالدەك بىلىنىدۇ؛ ئەمما بۇ خىل تەرتىپسىز بولغان تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئىچكى ئاجرىلىشنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا سەمىرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قوساق تويغاندىن كىيىنلا ئولتۇرۋىلىش
   ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەردە بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتى بار؛ كۈندۈزى خىزمەتتىن ھېرىپ كىلىپ، ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن تاماقنى يەپ بولۇپلا ئولتۇرۇپ تېلىۋىزور كۆرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بەدەندىكى مايلار بارغانسىرى كۆپىيىپ بارىدىغان بولۇپ، بەدەندىكى ئىنىرگىيە ۋاقتىدا خوراپ تۈگىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئادەم سەمىرىپ قالىدۇ.
تاماقنى ئىتتىك يىيىش
    سېمىزلىكنىڭ تاماق يىيىش ئادىتى بىلەنمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە مۇناسىۋىتى بار.  ئەگەر تاماقنى بەك تىز يىگەندە، ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسى ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولۇپ، ئادەم ئۆزىمۇ تۇيمىغان ئەھۋالدا كۆپ يەپ سالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا، تەبىئىلا سېمىرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرۋىلىش
   ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرۇش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، خىزمەت ۋاقتىدا ئىشخانىدا ئولتۇرىدۇ، ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن بولسا، كىرىسلودا تىلىۋىزورغا قاراپ ئولتۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملىشىۋەرسە، ئادەمنىڭ بەدەن شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بىرەر يىل ئىچىدە بەك بىلىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما تۆت بەش يىل داۋاملاشقاندىن كىيىن، ئادەم چوقۇم سېمىرىپ كىتىدۇ.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号