ئىرىڭىز سىز ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىپ باققان بولسا ئۇنى قەدىرلەڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
   توي قىلغان ئاياللار تېخىمۇ كۆپ بەخىتكە ئىرىشىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ھازىر بەخىتلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىنىق بىكىتىش ئۈچۈن، ئىرىدىن بەزىبىر ئايالىنى ياخشى كۆرىدىغان قىشلمىشلارنى قىلىشىنى قايتا قايتا تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۆز-ئارا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ۋە خاتىرجەم بولىدۇ. بىراق، بۇ خىل سىناش لايىقىدا بولۇش كىرەك. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئىرىڭىز سىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى نەچچە ئىشنى قىلىپ باققان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ سىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، سىزمۇ قەدىرلەشنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ سەمىمى كۆڭلىدىن گۇمانلىنىۋەرمەسلىكىڭىز لازىم؛ بولمىسا، ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە جىددىچىلىك كۆرىلىدۇ.
تۇغۇت ئۆيىدىن چىققىنىڭىزدا بىرىنچى بولۇپ سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى سورىسا
    ئەگەر ئىرىڭىز سىزنى بەك ياخشى كۆرسە ھەمدە سىزنى كۆڭلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان بولسا، بالا تۇغۇشتەك بۇ خىل ھايات-ماماتلىق پەيتتە، ئۇ سىزدىن ئەنسىرەيدۇ، سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بىلىشنى ئويلايدۇ. بۇ سەۋەپلىك، سىز تۇغۇت ئۆيىدىن چىققان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە سىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىھتىياجىڭىزنى سوراپ، ئىھتىياجىڭىزنى ئىمكان قەدەر قانائەتلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا سىز ئۇنىڭ چىن مۇھەببىتىنى تۇنۇپ يىتىشىڭىز، ئۇنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىلىشىڭىز كىرەك.
بالىلىق بولغاندىن كىيىن، بالىغا قارىشىپ بەرسە
    بالىلىق بولغاندىن كىيىن، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتنى ھەممىدىن بەك سىنايدىغىنى بالىدۇر. ئەگەر ئىرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى يىتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ، بالىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى ھەممىنى سىزگە تاشلاپ قويۇپ، بالىغا قارىشىپ بەرمەيدۇ. ئەگەر ئىرىڭىز سىزگە ھەمدەمدە بولۇپ بالىغا قارىشىپ بەرسە، سىز ئۇنى قەدىرلەشنى بىلىشىڭىز كىرەك.بىراق، بالا تۇغۇلغان دەسلەپكى نەچچە يىلدا، ئىرىڭىزنىڭ بالىغا قاراپ بىرىش پۇرسىتى كۆپ بولمايدۇ، بۇ مەزگىلدە ئانا بولغۇچى بىرقەدەر جاپادا قالىدۇ؛ بۇ ئامال يوق بىر ئىش. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا، تارتقان جاپايىڭىزنى پەش قىلىپ، ئىرىڭىزدىن ئاغرىنىپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك.
قېيىنئانا-كىلىن زىددىيىتى جەريانىدا، سىزنى قوغداپ باققان بولسا
   نۇرغۇنلىغان ئاياللار تويدىن كىيىن، قېيىنئانا-كىلىن چىقىشالماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، قېيىنئانا-كىلىن زىددىيىتى، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەزى ئاياللار قېيىنئانىسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاندا، ئىرىم ماڭا يان باسمىدى دەپ خاپا بولىدۇ؛ ئەمما سىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كىرەككى، قېيىنئانىڭىز بولسا ئىرىڭىزنىڭ ئۆز ئانىسىدۇر، بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلالىشى ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر قېيىنئانىڭىز بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، ئىرىڭىز ئازدۇر-كۆپتۇر سىزنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىلا، ئۇنىڭغا تەلەپنى زىيادە قاتتىق قويۇۋەتمەي، ئۇنىڭ شۇنچىلىك قىلالىغانلىقىدىن مىننەتدار بولىشىڭىز ھەمدە ئۇنى قەدىرلىشىڭىز لازىم.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号