ئاتمىش ياشلىق بوۋاي ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەپ ئالدامچىغا ئايلاندى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6573:ئادەم ئۆگەندى
     ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ! 60ياشلىق بىر بوۋاي ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەپ، 50ياشلىق بىر موماينىڭ بىرمىليۇن 600مىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ، 20ياشلىق يەنە بىر مۇھەببىتىنى باققان!
    جەمئىيەتنىڭ تەرققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى بارغانسىرى ئازاد بولۇپ ئۇچۇقلىشىپ كەتتى؛ شۇڭا ھازىر، ئاجرىشىش، قايتا توي قىلىش دىگەن ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى. ھازىر نۇرغۇنلىغان ياشانغان كىشىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ياشلىقىنى ئىزدەشكە باشلىغان بولۇپ، يېقىندا 60ياشلىق بىر بوۋاي، 50ياشلىق بىر ئايلنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ، بۇ پۇللار ئارقىلىق 20ياشلىق يەنە بىر مۇھەببىتىنى باققان. بۇ ئاڭلىماققا ئادەمگە بىر ھىكايىدەك بىلىنىدۇ، ئەمما ئۇ راستىنلا ھەقىقى يۈز بەرگەن ۋەقەلىك.

     بۇ يىل 50ياشقا كىرىپ قالغان لى خانىم خېلى يىللار ئىلگىرى ئىرى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن، قايتا توي قىلماستىن، ئۆزى يالغۇز قىزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان. ھازىر قىزىمۇ چوڭ بولغان بولۇپ، ئانا بالا ئىككەيلەن 30كۋادىرات مىتىرلىك كىچىك بىر ئۆيدە تۇرىدۇ. ئۇ قىزىغا ياخشىراق شارائىت ھازىرلاپ بىرىشنى ئويلىشىپ، باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن جوۋ بوۋاي بىلەن تۇنۇشقان؛ جوۋ بوۋاي ئۆزىنى مەلۇم بىر زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ پايچېكى ئىكەنلىكىنى، ھازىر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سودىسى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئىككەيلەن نەچچە قېتىملىق كۆرۈشۈش جەريانىدا يامان ئەمەس چىقىشىپ قالغان، جوۋ بوۋايمۇ لى خانىمغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.  ئىككەيلەن كۆرۈشۈپ ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇلار ئاخىرى مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنى بىكىتكەن. جوۋ بوۋاي لى خانىمنىڭ ئۆي سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا ئەرزان باھالىق ئۆي ئىلتىماس قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن..
     لىكىن ئەرزان باھالىق ئۆي ئىلتىماس قىلىشقا لى خانىمنىڭ شەرتى چۈشمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىدىمۇ ئارتۇق پۇل يوق ئىدى. بۇ ۋاقىتتا جوۋ بوۋاي تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئامال قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دوستۇم ئارقىلىق بىر ئېغىز ئۆي ھەل قىلالايمەن، ئەمما بۇ جەرياندا ئوتتۇرلۇقتا ئازراق پۇل خەجلەپ مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ دىگەن ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن لى خانىمغا ئۆيىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇۋاقىتتا جوۋ بوۋاي لى خانىم ئۈچۈن مۇنداق پىلان تۈزۈپ بەرگەن: قەرز ئالغان پۇلنى بولسا، جوۋ بوۋاي ئوتتۇرلۇقتىكى ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە سوۋغات قىلىش ئۈچۈن بىرىدىغانلىقىنى، ئۆي ھەل بولغاندىن كىيىن، ئاشقان پۇلدا ئەرزان باھالىق ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدا لى خانىمنىڭ نامىدا ئىككى يۈرۈش ئۆي بار بولىدىغان بولۇپ، ئۆي ھەل بولغاندىن كىيىن، ئەسلىدىكى ئۆينى ئىجارىگە بىرىپ، ئىجارە يېغقان پۇل ئارقىلىق قەرزنى قايتۇرسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    شۇنىڭ بىلەن، لى خانىم جوۋ بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۆيىنى رەنىگە قويۇپ 900مىڭ يۈەن پۇل قەرز ئالغان ھەمدە بۇنىڭدىن جوۋ بوۋايغا بىراقلا 600مىڭ يۈەن پۇلىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇ ۋاقىتتا، لى خانىم جوۋ بوۋاينى بىر ئۆينىڭ ئادىمى قاتارىدا كۆرگەن بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ھېقچقانداق ئىسپات ياكى توختام دىگەندەك نەرسىلەرنى تەلەپ قىلمىغان.  ئەينى ۋاقىتتا، لى خانىم جوۋ بوۋاينى ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ ھىس قىلغان؛ ئەمما كىيىنكى بىر يىل ئىچىدە، جوۋ بوۋاي توختىماستىن لى خانىمدىن پۇل سوراپ ئالغان؛ بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاچامنىڭ نەۋرىسىنى ئوپراتسىيە قىلىدىغان بولۇپ قالغان، جىيەنىم ماشىنىدا ئادەم سوقۇۋۇتىپتىكەن دىگەن ھەرخىل ھەرياڭزا باھانىلارنى توقۇپ چىققان ھەمدە بىر ئاماللارنى قىلىپ لى خانىمنى بۇ يالغان گەپلىرىگە ئىشەندۈرگەن. بۇنداق ئەھۋالدا، لى خانىم بىرىنچى قېتىم ئۆيىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئالغان 900مىڭ يۈەن پۇلنى خەجلەپ بولغاندىن كىيىن، ئۆيىنى يەنە ئىككىنچى قېتىم ۋە ئۈچىنچى قېتىم رەنىگە قويغان.
    ئاخىرى بېرىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى قايتۇرالماي قالغان ۋاقىتتا، جوۋ بوۋاي يەنە لى خانىمغا ئۆينى سېتىۋىتىشنى ئېيتقان. بۇ ۋاقىتتا، لى خانىم ئاندىن ئەس-ھۇشىنى تېپىپ، ئۆزىنى ئالدىنىپ قالغاندەك ھىس قىلغان ھەمدە ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلغان. ساقچىلارنىڭ كىيىن دىلونى تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىچە، جوۋ بوۋاي لى خانىمدىن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ جەمئى بىر مىليۇن 600مىڭ يۈەن پۇل ئالداپ ئېلىۋالغان بولۇپ، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىنى 20ياشلىق يەنە بىر قىزدوستىغا بەرگەن. جوۋ بوۋاي بىلەن بۇ 20ياشلىق قىز دوستى ئاللىبۇرۇن بىرگە تۇرۋاتقان بولۇپ، جوۋ بوۋاي كىچىك قىز دوستىنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا دوكان ئېچىپ بىرىشكە ماقۇل بولغان ھەمدە ھەر ئايدا بۇ قىز دوستىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا 5000يۈەن پۇل ئەۋەرتىپ بەرگەن. جوۋ بوۋاي ئەمىلىيەتتە تاللا بازىرىنىڭ پايچېكى ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئۆزىمۇ ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆيدە تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرىمىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئىلگىرى تېخى ئالدامچىلىق قىلغان تارىخى بار ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا، بىچارە لى خانىم ئىلگىرىكى 145جىڭدىن ئۇرۇقلاپ 95جىڭغا كىلىپ قالغان.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号