ئاياللار ئەرلەرنى قوغلاشقاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كىرەك
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6692:قېتىم كورۇلدى
-1-
    ئاياللار ئەرلەرنى قوغلىشىدىغان ئىش، ھازىرقى جەمئىيەتتە ئۇنداق بۇرۇنقىدەك "غەلىتە" ئاڭلىنىدىغان ئىش ئەمەس؛ ئەمىلىيەتتە، مۇھەببەت جەريانىدا بۇنداق مەسىلىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئاياللار نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشىنى قوغلىشىش، ئەقىلگە پۈتۈنلەي مۇۋاپىق بىر ئىش.
     ئۇنداقتا، ئاياللار ئەرلەرنى قوغلاشقان ۋاقىتتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كىرەك؟ ئالدى بىلەن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، قوغلىشىش رېتىمىنى ياخشى كونتىرول قىلىشى كىرەك.
    ئاياللار ئەرلەرنى قوغلاشسا، ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە "ئەقىلگە سىغمايدىغان" بىر ئىش ھىسابلىنىدۇ. كۆپ قىسىم ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇنداق ئىشقا قارىتا چەتكە قېقىش پىسخىكىسى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللار ئەرلەرنى قوغلاشقان ۋاقىتتا، ئەرلەرنىڭ تەپەككۇرى بويىچە چۈشىنىش كىرەك.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، قوغلىششى جەريانىدا، رېتىمنى ياخشى كونتىرول قىلىش كىرەك. بەك ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ، بەك ئىزلەڭگۈلۈك قىلىپ كەينىگە تارتىشقىمۇ بولمايدۇ. بەك ئالدىراقسانلىق قىلغاندا، ئەرلەردە قارشىلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويىدۇ؛ بەك ئىزلەڭگۈلۈك قىلىپ  كەينىگە تارتسا، بەلكىم ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
-2-
    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ ئەر كىشىنى قوغلاشمىقى ناھايىتى ئاسانغا توختايدۇ. ئەمىلىيەتتە، بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئىنتايىن ئاددى كەلگەن بۇ ئىش، ئۇنچە ئاددى ئەمەس.
    ئاياللار ئەرلەرنى قوغلاشقاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كىرەك؟ ئىككىنچى بولۇپ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى،  بەك ئۇچۇق-يۇرۇق بولۇپ كەتمەي، ئازراق تارتىنچاقراق بولۇش.
    بۇ ۋاقىتتا بەلىكم بەزىلەر دىيىشى مۇمكىن: ئاياللار ئەر كىشىنى قوغلاشقان تۇرسا، يەنە قانداق قىلىپ تارتىنچاق بولىۋىلالىسۇن؟ ئەگەر تارتىنچاق بولغان بولسا، ئەرلەرنى قوغلاشمىغان بولاتتى!
    سىز شۇنداق ئويلىسىڭىز بولىدۇ؛ بىراق مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم، قوغلىشىش جەريانىدا، ئاياللار ئۆزىنى سەل-پەل تۇتىۋىلىپ، ئازراق تارتىنچاقراق بولۇۋىلىشتۇر. بەزى ئاياللار ئەرلەرگە بەك ئۇچۇق، مۇھەببەتكە خالىغانچە پوزۇتسىيەدە بولىدىغان تەسىر بىرىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ يەردە ئېيتىلغان تارتىنچاقراق بولۇش، مۇشۇ جەھەتلەردە دىققەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
    ئادەتتە، ئەرلەرنى قوغلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قىزلار، كۆپىنچە ئۇچۇق مىجەز، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قاراشلىرى بار، ھىسيات جەھەتتە مۇھەببەت نەپرىتى ئىنىق كىلىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئەرلەرنى قوغلىشىش جەريانىدا، ئاسانلا ئەرلەردىن بەك تارتىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئيتقاندا، ئۇلار يەنىلا ئازراق تارتىنچاق ئاياللارنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، بۇمۇ ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بولىدۇ. بىز باشقىلارنى قوغلاشقان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىشىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
-3-
    ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى قوغلىشىشى، قارىماققا ناھايىتى ئاسان ئىشتەك بىلىنىدۇ؛ ئەمما كونكىرتىنى ئىنچىكە نوقتىلارنى ياخشى كونتىرول قىلالمىغاندا، مۇۋەپپىقيەت قازانماقمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. ئاياللار ئەرلەرنى قوغلاشقاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كىرەك؟ ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، رېتىمنى ياخشى كونتىرول قىلىپ، قوغلىشىش جەريانىدا ئىمكان قەدەر تارتىنچاقراق بولۇشنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك.
    ئەگەر بۇ ئىككى نوقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، ئاياللار ئەرلەرنى قوغلىشىش جەريانىدا، ئويلىغىنىدىن ئارتۇق ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ.
    مۇھەببەت جەريانىدا، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى قوغلىشىشتا، ئەمىلىيەتتە بەلگىلىك تاكتىكىلارنى بىلىشى لازىم بولىدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەر كىشىنى قوغلىشىشنى قارار قىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆپرەك ئويلانماي بولمايدۇ؛ يەنى، مەسىلىلەرنى ئوخشاش بولمىغان نوقتىلاردىن ئويلىشىپ، ئۆزىگە چىكىنىشكە ئازراق يول قالدۇرۇشى كىرەك بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاندىن ئارىلىقتا ئوسال ئەھۋالغا قالىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

چەتئەللىك قىزنىڭ قوسىقىدىن 11جىڭلىق غەلىتە ئۆسمە چىقتى

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号