پولشالىق 41ياشلىق بىر ھامىلدار ئايال، ھامىلدار بولۇپ تۆت ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، ئىنتايىن بىئاراملىق ھىس قىلىپ، تەكشۈرتكەندىن كىيىن، راك كىسەللىكى ئاخىرىقى باسقۇچى ئىكەنلىكى ئىنىقلانغان. بۇ ئايال كىسەللىكى بايقالغان ھامان دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا، دوختۇرلار ئۇنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بەلكىم قورسىقىدىكى بالىسىغا تارتىشقانلىقتىن بولسا كىرەك، بۇ ئايالنىڭ چوڭ مىڭىسى ئۆلۈپ، ھاياتلىق بەلگىلىرىنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۇمۇرى سوقۇشتىن توختىمىغان.

دوختۇرلار بۇ ئەھۋالدا ھەيران قالغان ھەم تەسىرلەنگەن؛ تېخى تۇغۇلمىغان بۇ ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، دوختۇرلار سۈنئى ئۈسكىنىلەردىن پايدىلىنىپ، ئايالنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلغان. گەرچە تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىش، دوختۇرلار دۇچ كەلگەن قىيىن بىر مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق، ئۈسكىنىلەردىن پايدىلىنىپ، بوۋاقنى 30ھەپتىلىك بولغۇچە ساقلاش قارارىنى چىقارغان. دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە، بوۋاق 30ھەپتىلىك ۋاقىتقا ئۇلىشالىسىلا، ئۇ ئاساسى جەھەتتىن تۇلۇق يىتىلىپ بولىدىغان بولۇپ، تۇغۇلغاندىن كىيىن، كۆپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش ھاجەتسىز بولىدىكەن.
بىراق، 26ھەپتىلىك بولغاندىن كىيىن، بەلكىم ئانا بەرداشلىق بىرەلمەي قالغان بولسا كىرەك، ھامىيلىنىڭ ئەھۋالىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈشكە باشلىغان، ھەتتا بالا چۈشۈپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ھايات-ماماتلىق پەيتتە، دوختۇرلار كەسكىنلىك بىلەن، ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بالىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغدۇرۇشنى قارار قىلغان.

دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە، بۇ ۋاقىتتا گەرچە تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ بالىنى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بوۋاقنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە يىتىلىشى تازا مۇكەممەل بولمىغاچقا، بوۋاق ئىنتايىن كەسكىن ھالەتكە دۇچ كىلىپ قالغان. ئەلۋەتتە، ئەگەر دوختۇرلار تەۋەككۈل قىلىپ بالىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئوپراتسىيە قىلىپ ئالمىغان بولسا، بوۋاق ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئۆلۈپ كىتىدىكەن. بوۋاق تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئارا ئىككى جىڭ كىلىدىغان بولۇپ، تۇغۇلغاندىن كىيىن دەرھال ئېغىر كىسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بوۋاق ئېغىر كىسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە ئۈچ ھەپتە ۋاقىتنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ سەككىز جىڭغا يەتكەن ھەمدە ئاخىرى ئۆزى نەپەسلىنەلەيدىغان بولغان.
بۇ ۋاقىتتا دوختۇر سېستىرالارنىڭ ھەممىسى خۇشاللىقىدىن ئېغىزلىرىنى يۇمالمايلا قالغان؛ چۈنكى ئۇلار بىر مۆجىزە ياراتقان ئىدى. كىيىن بوۋاقنىڭ دادىسى ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. ئەمما تاساددىبى ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بوۋاق ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئاۋال، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرىشى لازىم ئىكەن.