تۇرمۇشىمىزدىكى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان قىلمىشلار
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6056:قېتىم كورۇلدى
   بىز ھەر بىرىمىز بىر يەككە تەن، ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قاراشلىرى بار؛ بۇ سەۋەپلىك، بىز سەللا ئىھتىيات قىلماي قالساق، باشقىلارنى خاپا قىلىپ، ئۇلارغا يامان تەسىر يەتكۈزۈپ قويىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزمۇ تۇرمۇشتا ئاسانلا باشقا كىشىلەرنىڭ بىزار قىلىشىغا ئۇچرايمىز. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇرمۇشتىكى بەزىبىر ئادەمنى بىزار قىلىدىغان قىلمىشلارنى سۇندۇق؛ كۈندىلىك تۇرمۇشتا سىزمۇ بو نوقتىلارغا دىققەت قىلىڭ!
ئاپتۇماتىك لىفىتتا ئوتتۇرلۇقتا يول توسۇپ تۇرۋالىدىغان ئادەم
   بىز ئاپتوماتىك لىفىتقا ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئەگەر ئالدىمىزدا بىر ئادەم ئوتتۇرلۇقتا تۇرۋىلىپ يولنى توسىۋالسا، بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ؛ بوشلۇق شۇنچە چوڭ تۇرسا، قارشى تەرەپ نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرلۇقتىكى ئوروننى ئىگەللەپ تۇرۋالىدۇ؟ بۇ ئىنتايىن ئەخلاقسىز بولغان بىر قىلمىش بولۇپ، ئادەمنى ھەقىقەتەن بەك بىزار قىلىدۇ.
ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا پۇتلىرىنى كېرىپ ئولتۇرۇش
    مەيلى ئايال كىشى بولسۇن ياكى ئەر كىشى بولسۇن، ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقىلارغا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە دىققەت قىلماق لازىم. بىراق، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا ئىككى پۇتىنى كېرىپ ئولتۇرىدىغان كىشىلەر، ئىككى يېنىدىكى ئادەمگە ناھايىتى بەك بىئاراملىق تۇيغۇسى ئېلىپ كىلىدۇ.
ئازاپلىنىپ يىغلىغان ۋاقىتتا كىيىمىنىڭ يىڭى بىلەن يېشىنى ۋە بۇرنىنى سۈرتۈش
   ھەرقانداق بىر ئەر كىشى، ئاياللارنىڭ ئازاپلىنىپ يىغلىغان ھالىتىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ھىسداشلىقى قوزغىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، چىرايلىق بىر ئايال كىشى ئالدىدا كۆز ياشلىرىنى تۆككەن ۋاقىتتا، ئەرلەر ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىر تەلىۋىنى ئورۇنلاشتىن باش تارتمايدۇ. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايال كىشى ئۆزىنىڭ يىڭى بىلەن كۆز يېشىنى ۋە بۇرنىنىڭ ماڭقىسىنى سۈرتسە، ئۇنداقتا ئەر كىشنىڭ بارلىق گۈزەل خىياللىرى بىتچىت بولۇپ كىتىدۇ. بۇقىز خام يىگۈدەك چىرايلىق بولغان تەقدىردىمۇ، باشقىلارغا بىر خىل يىرگىنىش تۇيغۇسى ئېلىپ كىلىدۇ.
ئەخلەتنى دەرىزىدىنلا تاشلاش ياكى كىرىش ئېغىزىغا دۆۋىلەپ قويۇش
     ئەخلەتنى دەرىزىدىنلا سىرتقا قارىتىپ ئېتىش، ياكى ئەخلەتنى بىنانىڭ كىرىش ئېغىزىغا دۆۋىلەپ قويىدىغان قىلمىش، ئادەمنىڭ ئىنتايىن بىزار قىلىدىغان ھەمدە يىرگەندۈرىدىغان بىر قىلمىشتۇر.
چۈشكۈرگەن، ھۆتەلگەن ياكى ئەسنىگەن ۋاقىتتا قولى بىلەن ئېغىزىنى يۆگىۋالماسلىق
    ئەتراپىدا ئادەم بار ۋاقىتتا ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا، ئېغىزىنى ئىتىۋالماي ياكى ئۆزىنى قاچۇرماي تۇرۇپ چۈشكۈرسە ياكى ھۆتىلىپ ئەسنىسە، ئادەمنىڭ تۈكرۈكى باشقىلارغا چاچراپ كىتىش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ھەم باشقىلارغا كىسەللىك خەۋىپى ئېلىپ كىلىش ئىھتىماللىقى بولغان بىر خىل قىلمىشتۇر.

بۇرنىنى كوچىلاش
    ئادەم بار ۋاقىتتا ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا، تېخىمۇ يامان بولغان بىر ئىش، بۇرنىنى كوچىلاشتۇر. بۇرنىنى كوچىلاش قىلمىشى ئادەمنى قەتئى يىرگەندۈرىدىغان بىر خىل قىلمىشتۇر.
ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقىرى ئاۋازدا كۈلۈش ۋە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش
    مەلۇم بىر خىل بەلگىلىك سورۇنلاردا، بىز قىزغىن كەيپىياتنى ياخشى كۆرىمىز؛ ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاممىۋى سورۇنلاردا، يۇقىرى ئاۋازدا كۈلۈش ۋە ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىش، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە چوڭ بىئاراملىق ئېلىپ كىلىدۇ.
ئاممىۋى سورۇندا ئايىغىنى سېلىش
    بۇ خىل قىلمىش ئەخلاقسىزلىقنىڭ ۋە باشقىلارنى ھۆرمەت قىلمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئەتراپىدىكى ھەرقاندا بىر  ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

چەتئەللىك قىزنىڭ قوسىقىدىن 11جىڭلىق غەلىتە ئۆسمە چىقتى

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号