قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان يېمەكلىكلەر
9 يىل ئىلگىرى axpaz712 15171:ئادەم ئۆگەندى

 

ھەسەل

ھەسەل مېڭە  مېڭە ئاستى بېزى، بۆرەك ئۈستى بېزى قاتارلىقلارنى غىدىقلاپ، توقۇلمىلارنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى ۋە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ تەننى جانلاندۇرىدۇ.ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئاچ قورساق ۋاقىتتا 300مىللىگىرامغىچە ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ.

كۈنجۈت

كۈنجۈت تەركىبىدە قېرىشقا قارشى تۇرغۇچى تەركىب ۋىتامىن Eمول بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىدۇ، دائىم ئىستېمال قىلىنسا ھۈجەيرىدىكى قېرىتقۇچى ماددا ئەركىن رادىكاللارنىڭ يىغىلىپ قېلىشنى توسۇپ ياكى ئازايتىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: كۈنجۈتنى قورۇپ، سوقۇپ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر قوشۇپ  30گىرامغىچە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

ئۇستىخان شورپىسى

ھەر خىل ھايۋاناتلارنىڭ ئۇستىخانلىرىدا مول يېپىشقاق ئاقسىل ۋە كوللاگېن ئاقسىلى بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئۇستىخان شورپىسى ئىچىپ بەرگەندە بەدەننىڭ مۇشۇ ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، بۇ خىل ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۇستىخاننى قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن شورپىسىنى ئىستىمال قىلسا ياكى شورپىسىغا كۆكتات، چۆپ قاتارلىقلارنى سېلىپ سۇيۇق-سەلەڭ تائام تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

يادرو كىسلاتاسى تولۇقلاش

يادرو كىسلاتاسىنىڭ يېتىشمەسلىكى بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشنى تېزلىتىدۇ، يادرو كىسلاتاسىنى يېمەكلىكلەردىن تولۇقلاشقا بولىدۇ. ئادەتتە ھايۋانات جىگىرى، كالا گۆشى، ماش، يېسسى پۇرچاق، دادۇر، جاڭدۇ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە يادرو كىسلاتاسى مول بولىدۇ.

ھەر خىل گۈل-گىياھلار

نۇرغۇن گۈل چاڭلىرىدا ئادەم تېنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە بىرخىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىئولوگىيىلىك ئاكتىپ تەن بار بولۇپ، ئۇ يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىدۇ.

قارا مور

قارا مور تەركىبىدە بىرخىل قاننىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىغا قارشى تۇرغۇچى تەركىب بار بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

تۇرۇپ، سەۋزە

تەركىبىدە لېگنىن بولۇپ، زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى يۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

ۋىتامىنلار

ۋىتامىن Aتېرىنى ئاسراپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، جىگەر، تۇخۇم سېرىقى، سەۋزە سارغۇچ يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن Aمول بولىدۇ. Bتۈردىكى ۋىتامىنلار ئورگانىزمدىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، ئارتېرىيەنىڭ قېتىشى، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، تېرە ياللۇغى ۋە قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇ تۈردىكى ۋىتامىنلارنى گۆش، غول يوپۇرماق تۈردىكى كۆكتاتلار، جىگەر، سۈت قاتارلىقلاردىن قوبۇل قىلىمىز. ۋىتامىنC ئورگانىزمنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنى ھەرخىل كۆكتات ۋە مېۋە چېۋىلەردىن قوبۇل قىلىمىز. ۋىتامىنD سۆڭەكتىكى كالتسىي ۋە فوسفورنىڭ توپلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سۆڭەك شالاڭلىشىپ كېتىش ۋە سۆڭەك يۇمشاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنى بېلىق مېيى، تۇخۇم، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنلدىن قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.

سۇ

سۇ ئورگانىزمنى تۈزگۈچى مۇھىم تەركىب بولۇپ، بىز ئىستېمال قىلغان قەنت، ئاقسىل، ۋىتامىن، ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار ئالدى بىلەن سۇدا ئېرىپ ئاندىن سۈمۈرۈلىدۇ، مېتابولىزمنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتى بولغان قالدۇق ماددىلارمۇ سۇدا ئېرىگەندىن كېيىن، بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولسا ناھايىتى ئاسانلا تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، قېرىشى، ئېلاستىكلىقىنىڭ يوقىلىشى، قورۇقلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.

چېچەكسەي

چېچەكسەي قېرىشقا قارشى تۇرۇپ ئۆمرىنى ئۇزاتقۇچى كۆكتاتلارنىڭ بىرى. چېچەكسەينىڭ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار، نېرۋىسى بەكلا چارچاپ كەتكەن كىشىلەر مۇۋاپىق مىقداردا چېچەكسەي ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، چېچەكسەينىڭ قاندىكى خولېستېرىننى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش رولى بار.

ياڭاق

ياڭاق دۇنيادىكى تۆت چوڭ قۇرۇق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۆمۈرنى ئۇزارتىش رولى بار. كۆپىنچە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ۋە ساغلاملاشتۇرۇش جەھەتتە رولى ناھايىتى چوڭ. ياڭاق تەركىبىدە مىكرو ئېلېمېنتلاردىن سىنك، مانگان، خىروم قاتارلىقلار بولۇپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش، ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەش، جىنسىي ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ۋە ئىچكى ئەزا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولى بار.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号