يىڭى رىكوت | ئۈچ مىنۇت داۋاملاشقان ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6136:قېتىم كورۇلدى
   چاقماق تىزلىكىدە توي قىلىپ، چاقماق تىزلىكىدە ئاجرىشىش، ھازىر ئۇنچە بەك ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس؛ بىراق يېقىندا، كۇۋەيتتىكى بىر قېتىملىق "چاقماق تىزلىكىدە ئاجرىشىش" ۋەقەسى، سۈرئىتىنىڭ تىزلىكىدىن نۇرغۇن ئادەملەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈچ خىل قارىشىنى يەنە بىر قېتىم يىڭىلىۋەتتى...
   بۇ قېتىملىق تويلىشىشتا، توي قىلىش رەسمىيىتى بىجىرىلىپ بولغاندىن باشلاپ، ئاجرىشىش رەسمىيىتى بىجىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئاران ئۈچ مىنۇتلا ۋاقىت ئۆتكەن بولۇپ، كۇۋەيت تارىخىدىكى ئەڭ قىسىقا مۇددەت داۋاملاشقان ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى رىكوتى ياراتقان.
    ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:
    يېقىندا، كۇۋەيتلىك بىر جۈپ ياش، شۇ جايدىكى سوت مەھكىمىسىگە كىلىپ تويلىشىشنى تىزىمغا ئالدۇرغان؛ بارلىق رەسمىيەتلەر بىجىرىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ ئىككەيلەن توي گۇۋاھنامىلىرىنى ئېلىپ قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، كىلىنچەك ئىھتىياتسىزلىقتىن پۇتلىشىپ، ئىرىنىڭ ئالدىغىلا يېقىلىپ چۈشكەن؛ ئەمما ئىرى بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى قاقاقلاپ كۈلۈپ كىلىنچەكنى زاڭلىق قىلغان ھەمدە بىر ئېغىز "پالاكەت" دەپ مەسخىرە قىلغان.
    ياش ئەر-خوتۇنلاردە بۇ! بەلكىم ئىرى چاقچاق قىلدىم دەپ شۇنداق قىلغان بولغىيتتى، ئەمما قىز ئىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنى كۆرۈپ شۇھامانلا غەزىپى ئۆرلەپ تاشقان؛ "مىنى يۆلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى كۈلۈپ زاڭلىق قىلىۋاتىدىغۇ!"، كىلىنچەكنىڭ ئاچچىقى دەرھال ئەڭ يۇقىرى چەككە يىتىپ، ئەقلىنى يوقىتىپلا قويغان ھەمدە پۈتكۈل سوت مەھكىمىسىدىكىلەرنى ھاڭ-تاڭ قويغان بىر ئېغىز گەپنى قىلغان:
    "ئاجرىشىمەن!!!"
    بەلكىم ئەرمۇ گاڭگىراپ قالغان بولسا كىرەك، ئۇ تېخى نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىراپ بولغۇچە، كىلىنچەك سوت مەھكىمىسى خادىملىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئاجرىشىش رەسمىيىتى بىجىرىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ بىر جۈپ ياش تويلىشىش گۇاھنامىسى ئېلىپ تېخى سوت مەھكىمىسىدىن يېنىپ چىقماي تۇرۇپلا، ئەر-خوتۇنلاردىن ناتۇنۇش كىشىلەرگە ئايلانغان. بۇ جەرياندا، جەمئى 3مىنۇت ۋاقىت ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار كۇۋەيت تارىخىدىكى ئەڭ قىسقا داۋاملاشقان ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
     بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن، تورداشلار "ئەسلىدە توي دىگەننى بۇنداق قىلسىمۇ بولىدىكەن" دىيىشىپ ھەيران قېلىشقان.
    بەزىلەر، بۇ بىر جۈپ ياشنى كىچىكلىك قىلىپتۇ، تويلىشىش مۇناسىۋىتىنى ھۆرمەت قىلماپتۇ دەپ قارىغان.
    يەنە بەزىلەر بۇ بىر جۈپ ياش، سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋاقتىنى ۋە بايلىقىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىق دەپ جار سېلىشقان.
   ئەمما تېخىمۇ كۆپ تورداشلار بىر تام بولۇپ كىلىنچەك تەرەپتە تۇرغان؛ ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كىلىنچەكنىڭ قىلغىنى توغرا ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئارىدا ھۆرمەت بولمىغان ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، ئەسلىدىلا خاتا ئورنىتىلىپ قالغان مۇناسىۋەت بولۇپ، ئەگەر كىلىنچەك ئىھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ چۈشمىگەن بولسا، ئۇ بەلكىم ئىرىنىڭ ھەقىقى ئەپتى بەشرىسىنى بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号