ئۇ بەش يېشىدا ئۆمۈرلۈك ئاشىقىغا ياتلىق بولدى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
    "بەلكىم مىنىڭ چوڭ بولۇشۇمنى ساقلاپ بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن؛ بولمىسا، سىز ھازىرلا مىنى ئەمرىڭىزگە ئېلىڭ!"
    ھەرقانداق بىر قىزبالا، ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتىدا توي كىيىمى كىيىپ، ئۆمرىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ياتلىق بولۇشنى ھەمدە  ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىشىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخرىغىچە قول تۇتۇشۇپ ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما سوفىيەگە نىسبەتەن، ھاياتلىقنى ساقلاپ يەتكىلى بولمايتتى؛ چۈنكى، ۋاقىت كۆپ قالمىغان ئىدى.
     ئەسلىدە، بۇ قونچاقتەك ئوماق بۇ قىز، ئىرسىيەت كەمتۈكلۈك سەۋەپلىك، يۈرىكى يېرىم ھالەتتە تۇغۇلغان. دوختۇر ئەينى ۋاقىتتا، ئۇنى ئىككى ياشتىن ئارتۇق ياشىيالمايدۇ دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
    كىسەللىك سەۋەبىدىن، قىسقىغىنا نەچچە يىللىق ھاياتىدا، سوفىيە دوختۇرخانىنى ئۆي قىلىپ، ئەزرائىلنى دوست تۇتۇپ ياشاپ كەلگەن. ئەمما ئۇ ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن ئىنتايىن ئاكتىپ ھەم ئۈمىدۋار بولۇپ، خۇشخۇي مىجەزى بىلەن مۆجىز يارىتىپ، ھازىر بەش ياشقا كىرگۈچىلىك ھاياتىنى ئۆز تېنىدە ساقلاپ كەلدى.
    گەرچ ئۇ ھازىرغىچە ھايات قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ھاياتلىقتىكى ھەر بىر كۈن، يەنە ھاياتلىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنگە ئوخشاش ئىدى. بۇ سەۋەپلىك، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن سوفىيەنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قاندۇرۇپ كەلدى. بىر قېتىم ئوپراتسىيەگە كىرىش ئالدىدا، ئانىسى ئۇنىڭدىن يەنە قانداق ئارزۇ-ئارمىنى بارلىقىنى سورىدى.
    ھەممەيلەن ئۇنى "باغچىغا بېرىپ ئوينىغۇم بار"، "باربىي قونچىقى ئوينىغۇم بار" دەپ جاۋاپ بىرىدۇ دەپ ئويلاپ تۇرغاندا، سوفىيە ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، "ئانا، مىنىڭ خونتىر بىلەن توي قىلغۇم بار" دەپ جاۋاپ قىلدى.
    خونتىر بولسا سوفىيەنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، ئىككەيلەن كىچىكىدىن بىللە ئويناپ بىللە چوڭ بولغان ئىدى.
   سوفىيەنىڭ ئانىسى گەرچە ئۇنىڭ بۇ تەلىۋىدىن ھەيرانلىق ھىس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سوفىيەنىڭ بۇ ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنى ئويلاشتى. چۈنكى ئۇ، قىزىنىڭ ئوپراتسىيە كارۋىتىدىن ساق ھوشىغا كىشلەلىشىنى ياكى كىلەلمەسلىكىنى بىلمەيتتى؛ شۇڭا ئۇ قىزىنىڭ ھايات تۇرغان ھەر بىر كۈنىنىڭ خۇشال ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
    شۇنىڭ بىلەن، خونتىر ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئاستىدا، كۆپچىلىك، جەمئى يېشى 11ياش بولغان بۇ ئىككى شاكىچىك ئۈچۈن، ئالاھىدە بىر توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى ھەمدە توي كىيىمى كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈردى.
    گەرچە ھەقىقى تۈردىكى توي مۇراسىمۇ بولمىسىمۇ، ھەتتا سوفىيەنىڭ "مۇھەببەتنىڭ" ھەقىقى مەنىسىنى چۈشىنىشى ناتايىن بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىر كۈن، سوفىيەنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك بىر خاتىرە بولۇپ قالدى.
   "پۈتكۈل دۇنيانى ئۇنتۇپ قالدىم، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنىمۇ ئەسلىيەلمەي قالدىم؛ ئەمما مەن، ئىككىمىز بىللە تۆكۈلۈۋاتقان سارغايغان يۇپۇرماقلارنى تاماشا قىلغان ئاشۇ پەيتلەرنى ئۇنتۇپ قالالمىدىم."
    "ئەينى ۋاقىتلاردا بىللە ئوينىغان سىيرىلماق؛ ھاياتلىق يولۇمدا ئېشىپ قالغان مۇساپە بەلكىم ئۇنىڭدەك ئۇزۇن بولماسلىقى مۇمكىن؛ شۇڭا سىز بىلەن بىرگە ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم سىيرىلماق ئوينىسام دەيمەن!"
    "سىز مىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم، ھەم مىنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىم! كىلىڭ، مىنى سۈيۈپ قويۇڭ!"
     مۇھەببەت، ئېغىزدا سۆزلەپ چىقىرىلمىسىمۇ، كۆزلەردىن ئۆزلىكىدىن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.
     ئىكران ئايرىپ تۇرغان مۇشۇ سۈرەتلەردىنمۇ، ساپ مۇھەببەتنى ھىس قىلىپ يىتىشكە بولاتتى.
    "سىز مەڭگۈ مۇشۇنداق ئادەم خاپا قىلىسىز، ئەمما مەن مەڭگۈ سىزگە ھەمرا بولۇپ كۈلۈشۈپ بىرىمەن؛ ھەرقانچە چوڭقۇر مۇھەببەت بولسىمۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس"
    "ئەگەر كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر كۈنى، ئىككىمىز ئايرىم-ئايرىم ھالدا باشقا بىر ئادەم بىلەن قول تۇتۇشقان تەقدىردىمۇ، بۈگۈنكى گۈزەللىكنى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمەيدۇ."
    "ئەگەر مۇمكىن بولدىغان بولسا، ئىزچىل تۈردە مۇشۇنداق كۈلۈپ ئۆتۈپ كەتسەم دەيمەن!"
    توي مۇزىكىسى ئاستا ياڭرىدى؛ مەلىكىلەردەك ياسانغان قىزىنى كۆرۈپ، بىر چەتتە تۇرغان ئانىنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ياشلا لۆمۈلدەپ كەتتى.
    بۇ، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدىغان بىر پارچە سۈرەت. " ئۇنىڭ 20ياشقا كىرگۈچە ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۆز ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ھەقىقى تۈردە ياتلىق بولالىشىنى قانچىلىك ئۈمىد قىلىپ كەتكەنتىم ھە!"
    ئۇنىڭ مۇكەممەل بولمىغان ھاياتلىق بېتىگە، ئاخىرى قېنىق رەڭدىكى چىكىتتىن بىرسى قويۇلدى.
    "كۈنلەر تېخى ئۇزۇن" دىگەن بۇ بىر ئېغىز سۆز، تۇرمۇشتا ئۇنچە كۆپ ئەمەس؛ بەزى ئادەملەر، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە قايتا كۆرگىلى بولمايدىغانغا يوق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، چەكلىك بولغان ھاياتلىقىڭىزدا، ئەڭ ياخشىسى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش قالدۇرماڭ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号