بۇ ئادەمنىڭ ئالقىنىمۇ ياكى ئېيىق تاپىنىمۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5837:قېتىم كورۇلدى
    ئامىرىكىلىق جېف.دابىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ توم بىلىكى بار بولۇپ، باشقىلار تەرپىدىن رىئاللىقتىكى "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دەپ تەرىپلەنگەن.
    جېف.دابى ئامىرىكىنىڭ مىنسۇتا شىتاتىدىن؛ ئۇ ئىلگىرى بىر دىھقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستى تەرەپ بىلىكىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 49سانتىمىتىر كىلىدۇ.
    ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئالقىنىغا سېلىشتۇرغاندا، جېف.دابىنىڭ ئالقانلىرى ئېيىق تاپىنىغا ئوخشايدۇ.
    جىف.دابى بىر قولىدا بىردىن ۋاسكىتبول توپنى ئاسانلا قاماللاپ تۇتالايدۇ.
    ئۇ پۈتۈن ئامىرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قول ئىگىشىش مۇسابىقىسىگە نەچچە قېتىم قاتناشقان بولۇپ، ھەر قېتىمدا چىمپىيون بولغان.
    ئىلگىرى بەزىلەر ئۇنى غەلىتە بىرەر كىسەللىككە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان؛ يەنە بەزىلەر ئۇنى دورا ئىشلىتىپ، بىلەكلىرىنى مۇشۇنداق توم قىلىۋالغان دىيىشكەن. جېف.دابى بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغان.
    ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى تورغا چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق توم بىلىكى بار بولۇشنىڭ پۈتۈنلەي ئىرسىيەت ۋە گېنىنڭ سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
    جېف.دابى ئايالى بىلەن توي قىلغىلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ، ئىككەيلەن ئىزچىل تۈردە ناھايىتى ئىناق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. ئايالى جىنانىڭ بىلدۈرىشىچە، جېف.دابى ھەقىقەتەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك ئىكەن.
    جېف.دابى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قوللىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ.
    ئۇنىڭ بۇنداق چوڭ ئالقانلىرى، ئۇنىڭغا بەلگىلىك دەرىجىدە ئاۋارىچىلىقمۇ ئېلىپ كەلگەن؛ مەسىلەن، ئادەتتە يانفون دىگەنگە ئوخشاش سىپتا قوراللارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قوللىرى كۈرنەرلىك ھالدا چىۋەرلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号